باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى− چېن تەنچيۇ

2019.02.28 19:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈ خەيبو). چاغان مەزگىلىدە، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرىنىڭ خۇاڭجوۋ رايونى چېنسېلوۋ بازىرى چېنسېلوۋ كەنتى ئىناق كەيپىياتقا تولغانىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىنقىلابىي قۇربان چېن تەنچيۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى كەنت قولتۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانىدى. نۇرغۇن سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچى ۋە يۇرتىغا قايتقانلار بۇ يەرگە ئالايىتەن كېلىپ، گۈل تەقدىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قەھرىماننى ياد ئەتتى.

  چېن تەنچيۇ 1896-يىلى تۇغۇلغان، خۇبېي خۇاڭگاڭدىن. ياشلىق دەۋرىدە 4-ماي ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1920-يىلى كۈزدە، ئۇ دۇڭ بىۋۇ قاتارلىقلار بىلەن ۋۇخەندە كومپارتىيەنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتىنى قۇرغان. 1921-يىلى 7-ئايدا پارتىيەنىڭ 1-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، چېن تەنچيۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەنيۈەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ۋۇچاڭ يەرلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى، خۇبېي رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، مانجۇرىيە ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، جايلاردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە ئەسكەرلەر ھەرىكىتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاترىغان.

  1933-يىلى باش يازدا، چېن تەنچيۇ مەركىزىي سوۋېت رايونىغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 1934-يىلى 1-ئايدا، رۇيجىندا ئېچىلغان جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى 2-قۇرۇلتىيىدا، ئۇ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاشلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان. قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن، چېن تەنچيۇ مەركىزىي سوۋېت رايونىدا قېلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوۋېت رايونى مەركىزىي شۆبە بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1935-يىلى 8-ئايدا موسكۋاغا بېرىپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ 7-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان.

  1939-يىلى 5-ئايدا، چېن تەنچيۇ بۇيرۇققا بىنائەن دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان. ئۇ شىنجاڭدىكى مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە قارشى جانلىق، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلغان. شېڭ شىسەي ئاشكارا ھالدا سوۋېتكە قارشى، كومپارتىيەگە قارشى يولغا ماڭغاندىن كېيىن، 1942-يىلى يازدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ چېكىنىشىگە قوشۇلغان. چېن تەنچيۇ ئۆزىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمگە تىزىپ: «يەنە بىر يولداش بولىدىكەن، مەن ماڭسام بولمايدۇ» دېگەن.

  1942-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، چېن تەنچيۇ قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر چېن تەنچيۇنى دەھشەتلىك قىيىن-قىستاققا ئېلىپ، ئۇنى «پارتىيەدىن ئايرىلىش»قا مەجبۇرلىغان. چېن تەنچيۇ قەتئىي باش ئەگمىگەن. 1943-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، چېن تەنچيۇ تۈرمىدە مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن، ئەينى چاغدا ئۇ 47 ياشتا ئىدى.

  بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن چېن گوئەن چېن تەنچيۇنىڭ بىر نەۋرە جىيەنى بولۇپ، ئۇنىڭ چېن تەنچيۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇ خاتىرە سارىيىغا خالىس قاراۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 1979-يىلى، يەرلىك كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى مەبلەغ توپلاپ چېن تەنچيۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇ خاتىرە سارىيىنى رېمونت قىلىپ قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىپ ياخشىلىشى بىلەن، بۇ يەر چېن تەنچيۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇ خاتىرە سارىيى، ھايات كەچۈرمىشلىرى كۆرگەزمە سارىيى، مىس ھەيكەل مەيدانى، قەسەم بېرىش مەيدانى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن قىزىل مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، ھەر يىلى 200 نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، تەزىيە بىلدۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر