باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدى

سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەمدەم بولۇش كېرەك

2019.02.28 19:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۈيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇتۇش، ھەزىم قىلىشنى تۇتۇش، ئايلاندۇرۇشنى تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھېسسىيات بىلەن چۈشىنىپ ئۆگىنىش، مەسئۇلىيەت بىلەن تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پۇختا ئىشلەش كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ئالدىن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرىنى سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەمدەم بولۇشنى فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بۇ يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىش، «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»قا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنى نۇقتا بەلگىلەپ ئالاقە باغلاپ ياردەم بېرىدىغان- يۆلەيدىغان نامرات كەنتلەر خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپە- تەدبىر تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسىدىكى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇل ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە باغلاپ ياردەم بېرىدىغان- يۆلەيدىغان نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى قەرەلىدە چۆرۈپ تاشلىشىغا، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېڭ جېنشەن، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، پارتگۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر