باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2019.02.28 19:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2019-يىللىق 2-قېتىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى. يىغىندا كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى ھەم خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەي، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەي، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەي، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەي، دىققەت نۇقتىسىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى، نىشان مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بېسىمنى دەرىجىمۇدەرىجە يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم-كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ دەل جايىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى، قوش ئىلگىرى سۈرۈش، قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش ۋاقىت چېكى، تۈزىتىش تەلىپى، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر