باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2000دىن ئارتۇق بالىغا خالىس يېتەكچىلىك قىلىش

«ئەسكى-تۈسكى يىغىدىغان مۇئەللىم» پەن يۈليەن مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى

2019.02.28 19:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا، يەن شىيۈن قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ئايالغا مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى ئۈلگىسى دەپ شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2000دىن ئارتۇق بالىغا خالىس يېتەكچىلىك قىلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى «ئەسكى-تۈسكى يىغىدىغان مۇئەللىم» پەن يۈليەننىڭمۇ ئىسمى بار.

  1942-يىلى تۇغۇلغان پەن يۈليەن ياش ۋاقىتلىرىدا تەرجىمانلىق قىلىپ باققان، ئىشلەمچىلىك قىلىپ باققان، تىجارەت قىلىپ باققان، كېيىن ئېرى ۋاپات بولغان، ئوغلى كېسەل سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قالغان، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئوغلى ۋە نەۋرە قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. 1992-يىلى، يېشى 50تىن ھالقىغان، بەش خىل تىل بىلىدىغان پەن يۈليەن قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن يانغاندىن كېيىن دائىم كوچىدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭدا «مېھىر-شەپقەت دەرسخانىسى» ئېچىش ئويى پەيدا بولغان. بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن، پەن يۈليەن ئۆز ئۆيىدە «مېھىر-شەپقەت دەرسخانىسى» ئېچىپ، بالىلارغا تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق دەرسلەردە ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلغان. بالىلارنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، نۇرغۇن ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالىغا مۇشتەرى بولغان. تۇرمۇشى ئانچە باياشات بولمىغان ئۇ ھەر ئايلىق تۆۋەن كاپالەت پۇلىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇشىدىن ئېشىنغان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى بالىلارغا قېرىنداش، دەپتەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن، پۇلى يېتىشمىگەندە، ئۇ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ، بالىلارغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بەرگەن. مەيلى زىمىستان قىش ياكى تومۇز ئىسسىقتا بولسۇن، مەيلى قار ياكى يامغۇرلۇق كۈنلەردە بولسۇن، ئۇنىڭ «مېھىر-شەپقەت دەرسخانىسى» مەڭگۈ بالىلارغا ئوچۇق تۇرغان.

  ئاستا-ئاستا، «مېھىر-شەپقەت دەرسخانىسى»غا كېلىدىغان بالىلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئەڭ كۆپ بولغان چاغدا 50-40كە يەتكەن. پەن يۈليەننىڭ گەرچە كىرىمى يۇقىرى بولمىسىمۇ، شۇنداقلا ئۆيىدىكى پالەچ ئوغلى ۋە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان نەۋرە قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىمۇ، ئۇ يەنىلا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەلبىدىكى ئۇلۇغ سۆيگۈنى ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ بالىغا يەتكۈزگەن.

  1996-يىلى 9-ئايدا دەرسخانا ئاچقاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، پەن يۈليەننىڭ «مېھىر-شەپقەت دەرسخانىسى» ھەقسىز، خالىس ھاۋالىلىك باققان، يېتەكچىلىك قىلغان بالا جەمئىي 2000دىن ئاشقان. گەرچە 70 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق پەن يۈليەن مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىم يار بەرسىلا، «مېھىر-شەپقەت دەرسخانىسى»نى داۋاملىق ئاچىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر