باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ناھىيە، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى ھەم خىزمەت قەرەللىك يىغىنى ئاچتى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى

2019.02.28 19:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى داۋجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى گو شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خوتەن شەھىرىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ناھىيە، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ناھىيە، شەھەر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى خىزمەت قەرەللىك يىغىنى ئېچىپ، ئىدىيە، تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى نامرات ناھىيە، شەھەرلىك ھەم ئۇلار قاراشلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى جەزمەن ۋەزىيەتنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەسىلە، يېتەرسىزلىككە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كۈرەش روھىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ئېسىل ئىستىل بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىشى؛ نۇقتىلىق يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەشنىڭ دەللىكىنى ئۆستۈرۈشى؛ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ شەكىل، ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشى؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 35 نامرات ناھىيە، شەھەرلىك ھەم ئۇلار قاراشلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، مەسئۇل رەھبەرلەر ھەمدە ئالاقىدار كەسپىي تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن ئىككى يېرىم كۈنلۈك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر