باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش

 ــــ شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

2019.02.28 19:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى دادۇڭ، ساۋ جىخېڭ، ئاينۇر

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى (ئوتتۇرىدا) پىچان ناھىيەلىك مەركىزىي يەسلىدە بالىلار بىلەن پاراڭلاشماقتا (2-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى

  (دىڭ لېي فوتوسى)

  2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

  مۇقىملىقنىڭ پايدىسى ئىزچىل تارقىتىلدى: ساياھەتچىلىك جانلاندى، پۇقرالار بېيىدى

  21 ياشلىق ئۆمەرجان ھۈسىيىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر ياغاچ قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى دۇكىنىنىڭ ئىگىسى. «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئايدا 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن». ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا قەشقەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى مۇقىم بولدى، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، نۇرغۇن ساياھەتچى قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىمنى بەكلا ياقتۇردى.

  2018-يىلى، شىنجاڭدا پۈتۈن يىلدىكى ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، %40تىن ئارتۇق ئاشتى. بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھىتىدە «شىددەت بىلەن» ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى پەللىنى ياراتتى. ساياھەتچىلىك ئۇچقاندەك جانلىنىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمۇ ئاشتى.

  «مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا يۇقىرىقىدەك تەكىتلىدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقىنى يوقاتتۇق، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  جەمئىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدىن ساياھەتكە كەلگەن نۇرغۇن ياش قەشقەرنى ياقتۇرۇپ قالدى ھەم بۇ يەردە قېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى. «ساياھەتچى ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئايلاندى»، ئۇلار يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ قەھۋەخانا، ئائىلىۋى ياتاق قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى.

  خاس كەسىپلەر «ئالتۇن خەتلىك ماركا»غا ئايلاندى: نەشپۈت تېخىمۇ تاتلىق، تۇرمۇش تېخىمۇ گۈزەل بولدى

  ئىشچانغا باھار بالدۇر كېلىدۇ. چاغاننىڭ 7-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى باغۋەن ما شىنشېڭ ئوغلى بىلەن قوي قوتىنىدىكى قىغلارنى چىقىرىپ، نەشپۈت دەرىخىنى مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشقا تەييارلىق قىلدى.

  2017-يىلى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن 2009-يىلى 6-ئايدا كورلىدىكى نەشپۈتلۈك باغقا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك»،«خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىش كېرەك».

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى تۈگجەجاپ مۇنداق دېدى: بىز سېلىنما ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتۇق، نۆۋەتتە، كورلا نەشپۈتىنى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 500 مىڭ مودىن ئېشىپ، يىللىق ھوسۇلى تەخمىنەن 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى.

  كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جيا خۇڭ مۇنداق دېدى: كورلا شەھىرىدە نەشپۈتتىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن باغۋەن 10 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، 100 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، يەرلىكتىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىرى نەشپۈتتىن كەلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدى. 2018-يىلى شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 219 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى.

  خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر كۈچەپ تولۇقلاندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىندى

  «ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال- خۇرام ئىشلىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى.

  كوئېنلۇن تاغلىق رايونى بىلەن خوشلىشىپ، ئىللىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن رەناگۈل قەھرىمان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ «غەم قىلىدىغان» ئىشى ھەل بولدى. بۇلتۇر 8-ئايدا، 1149 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى كوسراپ يېزىسىدىن 94 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسى كۆچمەنلەر يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ باردى.

  ھەممە نەرسە يېڭى. «ئەمىن ئۆيدە پار بار، ئەمدى توڭلىمايدىغان بولدۇق؛ بالىلارنىڭ ئوقۇشى ناھايىتى قولايلاشتى، بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق؛ تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى، ئالاقە تورى، سىملىق تېلېۋىزىيەنىڭ ھەممىسى بار بولدى، ئىلگىرىكى تۇرمۇشتا غەم قىلىدىغان قىيىن مەسىلىلەر ھەل بولدى.» رەناگۈل قەھرىمان مۇنداق دېدى: «مەن بىر كىچىك دۇكان ئاچتىم، ئېرىم پار ۋە سۇ يوللىرى ئىشچىسى، بىكار ۋاقىتلىرىدا يەنە ئاپتوموبىل ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلىدۇ، كۆچۈپ كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتۇق.» چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى تېخى نامرات ئائىلىلەر تىزىملىكىدىكى رەناگۈل قەھرىمان بىر ئائىلە كىشىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە نامراتلىق «قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىلتىماسى سۇندى.

  تۇڭئەن يېزىسى كۆچمەنلەر يېڭى كەنتىگە يىراق بولمىغان جايدا، بىر ئېلېكتىرون زاپچاسلىرى زاۋۇتى قۇرۇلدى. يېزا باشلىقى ئەخمەتجان كېرەم مۇنداق دېدى: «بۇ زاۋۇت 400 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ھازىر 460 تىن ئارتۇق كىشى تىزىمغا ئالدۇردى».

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دۆلەت بېكىتكەن «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىش كېرەك».

  2018- يىلى، شىنجاڭدا يەنە 537 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۈچ ناھىيە، 513 كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %6.51كە تۆۋەنلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ساۋ جىۋېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى: قەلبتىن پەرۋىش قىلىندى، چىن ھېسسىيات يۇغۇرۇلدى

  20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋجۇشىنى يوقلىماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك ھېكايە جۇڭگو زېمىنىدا كەڭ تارالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولدى.

  «2017-يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، بىزنى پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.» رۇقىيەم مەتسەيدى كېرىيە ناھىيەسى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن، كىشىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلىشىنى، ھەر مىللەتنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك.» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ھەر يىلى 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ئاساسىي قاتلام، يېزا-كەنت، مەھەللىلەرگە چۈشۈپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، نامراتلارغا ياردەم بەردى، قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلىدى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى 1 مىليون 600 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان يېڭى يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى.

  «بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرۇش.» 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى «تۇغقانلار» ئۆزئارا بېرىش- كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا ياردەملەشتى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان «تۇغقانلار» ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتتى، كۆپچىلىك خۇددى ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللاردەك بولۇپ، ھەقىقىي ھالدا ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرماقتا.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر