باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

مول نەتىجە-ئۈنۈملۈك فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.02.28 19:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 13-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگەندى، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مول نەتىجە-ئۈنۈملۈك فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەمدەم بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پارتگۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدىكى مۇھىم ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرىنىڭ كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان ھەر بىر مەسىلىنى ئاخىرغىچە تۇتۇش، ھەر بىر تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان ھەر ساھەدىكى ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ، پائال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، قاتتىق باشقۇرۇش كۆيۈنۈش دېمەكتۇر، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى، ئورگان كادىرلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كۈچەيتىش» ۋە «ياخشىلاش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تۈپ خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە چارە-ئەقىل كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە «قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش»نىڭ تۈزۈم، تەرتىپ ۋە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق فۇنكسىيەنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش تاپشۇرۇقىنى تاپشۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېڭ جېنشەن، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر