باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى

نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باشتىن-ئاخىر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2019.02.28 19:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى داۋجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ نىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خوتەن شەھىرىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش «تەتۈر ساناق باسقۇچى»غا قەدەم قويدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك. قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى ياخشىلاپ، كۈندىلىك نازارەتنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلىشى؛ تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نىشانلىق داۋالاش، دەل جايىدا جازالاپ تۈزەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساقلانما مىقدارنى كېمەيتىشى، قەتئىي يول قويماي، ئېشىشنى چەكلىشى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىش، ساختا مەلۇمات يوللاش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش، تارتىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، تەلەپ قىلىش، شىلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئالدىن ئېتىبار قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش، كۆيۈنۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى دائىملىق كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چىرىتىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  يىغىن سىن شەكلىدە ئىلى، قىزىلسۇ، قەشقەر قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 35 نامرات ناھىيە، شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللىلەر)گىچە ئېچىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 26 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر ماس قەدەمدە ئىبرەت تەربىيەسى قوبۇل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر