باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

سىياسىي-قانۇن خىزمىتى نىزامىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2019.02.28 19:11        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى نىزامى» ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلىپى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىشى، قېلىپلىشىشى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك، «نىزام»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «نىزام»نى ئۆگىنىش ئارقىلىق، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك نىشان، تەلەپلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر