باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.02.28 19:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرى جىن ۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» «شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» قاتارلىقلارنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى كۈندىلىك نازارەتچىلىكنىڭ، ۋاكالەت ئاپپاراتى ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنىڭ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنىڭ، ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك؛ دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تەرتىپ ئېڭى، كەسىپلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر