باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ھەر قايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2019.02.28 19:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە خىزمەتتىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە تۈزۈم مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشى سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك؛ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى ئېڭى، بازا ئېڭى، تۆۋەن چەك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛ سەھىيە، ساغلاملىق جەھەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەللەر سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، چوڭ يۇقۇملۇق كېسەل، نۇقتىلىق يەرلىك كېسەل، كەسپىي كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، نۇقتىلىق نىزام چىقىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ ئىگىلەپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى بويىچە نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قاراپ چىقىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر