باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر قىرغىزىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2019.02.28 19:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەيدەربېكوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر ھەيدەربېكوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردۇر. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستان چېگرالىنىدۇ، ئىككى تەرەپ دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق جەھەتتە كەڭ بوشلۇققا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ھازىرقى شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق سىجىل مۇقىم، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ھەيدەربېكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان بوپتۇ، جەمئىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىپتۇ، بىز ھازىرقى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈزەل بولۇپلا قالماي، بەلكى بىخەتەر، مۇقىم بولۇپ، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشتا ياخشى ئاساس ۋە شارائىتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن، ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر