باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كىچىك، مىكرو كارخانىلار «باج كېمەيتىش خۇڭباۋسى» غا ئاسانلا ئېرىشتى

«ئالتە باج، ئىككى ھەق»نى كېمەيتىپ ئېلىش سالمىقى %50 بولدى

2019.02.28 19:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

  ئىلاۋە

  تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا جەزمەن ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىش كېرەك. نۆۋەتتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىقاردى. بۇ سىياسەت-تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتىمۇ-يوق؟ ھەر مىللەت ئامما سىياسەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي پايدىدىن بەھرىلەندىمۇ-يوق؟ شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «سىياسەت ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

  تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا جەزمەن ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىش كېرەك. نۆۋەتتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىقاردى. بۇ سىياسەت-تەدبىرلەر ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتىمۇ-يوق؟ ھەر مىللەت ئامما سىياسەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي پايدىدىن بەھرىلەندىمۇ-يوق؟ شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «سىياسەت ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

  يېقىندا ئاپتونوم رايون «كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نىڭ كېمەيتىپ ئېلىش سالمىقىنى %50 قىلىپ بېكىتتى. بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمى قانداق؟ كىچىك، مىكرو كارخانىلار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندىمۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدى.

  چاغانلىق دەم ئېلىش سەۋەبىدىن كەينىگە سۈرۈلگەچكە، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى يەنىلا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى باج ئېلىش مۇددىتى ئىچىدىكى كۈن ئىدى. شۇ كۈنى سائەت 16 دە، مۇخبىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) باج ئىدارىسىنىڭ باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا، ئالدى بىلەن مەخسۇس تەسىس قىلىنغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئېتىبارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىدىن مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت ئورنىغا دىققەت قىلدى. بۇ يەردە خىزمەتچى خادىم بىر باج بېجىرگۈچىگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈۋاتقانىدى.

  «كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلار قايسى ۋاقىتتا باج تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ؟» دەپ سورىدى باج بېجىرگۈچى.

  «كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سىياسەتتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇقىم قەرەلدە باج تاپشۇرىدىغان كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەربىر بوغالتىرلىق ھېسابات يىلىدىكى خالىغان ۋاقىتتا، ئاساسلىق مەسئۇل باج ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ...»

  باج بېجىرىۋاتقان جاۋ ياۋ ئۈرۈمچى باجيې بوغالتىرلىق مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ بوغالتىرى ئىدى. «سىياسەت چىقىرىلغاندىن كېيىن، باج ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىزنى تەربىيەلەپ يېتەكلىدى. شىركىتىمىزنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك، مىكرو كارخانىلار بولۇپ، ئەھۋالى ھەر خىل، ئادەتتە بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە باج ئىدارىسىدىكىلەر ۋاقتىدا جاۋاب بېرىدۇ.» جاۋ ياۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىزنىڭ بۇلتۇرقى پايدىسى 2 مىليون يۈەن بولۇپ، ئەسلىدە 500 مىڭ يۈەن كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىدى، سىياسەت چىقىرىلغاندىن كېيىن بىز پەقەت 150 مىڭ يۈەن باج تاپشۇرساقلا بولىدۇ، 350 مىڭ يۈەننى تېجەپ قالدۇق.»

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ باج سىستېمىسى دەرھال ھەرىكەتكە كەلگەن، ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان، مۇئامىلىدارلارنى زىيارەت قىلىش، مۇئامىلىدارلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا ماتېرىيال تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن. ئالاقىدار مەنپەئەتدارلارنىڭ ئېتىبار سىياسەتنى تېزرەك چۈشىنىشى ئۈچۈن، باج تارماقلىرى ئالاقە تورى سۇپىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، توردا سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش سىن فىلىمى ئىشلەپ، ئۈندىدار، تېڭشۈن سىنى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق توردا بىۋاسىتە تارقىتىپ تەشۋىق قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش باج ئېلىش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

  «ئىلگىرى باج بېجىرىش ئۈچۈن مەن بىر ئادەم مەخسۇس باج بېجىرىش زالىغا قاترايتتىم، كېرەكلىك ماتېرىيال كۆپ بولۇپ، ۋاقىت ھەم زېھىن سەرپ بولاتتى» دېدى شىنجاڭ خۇڭچاڭ تيەنيۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت بوغالتىرلار ئورنىنىڭ مالىيە خادىمى ما يۆخۈي. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ پايدىسىنى كۆردى، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا شىركەتنىڭ ئېتىبار سىياسەت ئىشلىرىنى ئەنگە ئالدۇرالايدىغان بولدى. «باج تاپشۇرغۇچىلار يولنى ئاز قاتراپ، توردا كۆپرەك ئىش بېجىرىدىغان بولدى، يول تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىپ، بىز ھەقىقىي قولايلىقتىن بەھرىلەندۇق» دېدى ما يۆخۈي.

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج بېجىرىشنى قولايلىق بىلەن تەمىنلەپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى يېڭىلىقنى ھېس قىلدۇردى. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ھەق تاپشۇرغۇچىلارنى سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر