باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئارقىلىق دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدى

2019.02.28 19:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2019- يىلىدىكى 3- قېتىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ چاقىردى، ئۆگىنىشتە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن تۈزىتىشكە مۇئامىلە قىلىپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، تارماقلار ماسلىشىش، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ تەڭ تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق، ھەقىقىي تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈر بويىچە ماددىمۇماددا تۈرگە ئايرىپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، تۈزىتىش لايىھەسى، كونكرېت تەدبىر ۋە تۈزىتىش تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرى تۈزىتىلسە، بىرىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەر بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ھەر تۈرلۈك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش تۈزىتىش، بىرتۇتاش ھەل قىلىش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرھال تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىدا ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا، جايىدا تۈزىتىش؛ تۈزىتىشكە ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىرىدا باسقۇچ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تىنچ ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئەلرايى ئاساسى سېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىق، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەسلىك كېرەك، خالىغانچە نامراتلارنى يۆلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىش، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋېتىش خاھىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر