باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «پارنىك ئۆي»مەسىلىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەشنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2019.02.28 18:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جيەنشىن خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «پارنىك ئۆي» مەسىلىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەشنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەش ھەرىكىتىنى مۇستەھكەم ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «پارنىك ئۆي» مەسىلىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەشنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسىنى چىڭىتىپ، «پارنىك ئۆي» ئارقىسىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان يەرنى يېزا ئىگىلىكسىزلەشتۈرىدىغان قالايمىقان ئەھۋاللارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «پارنىك ئۆي» قۇرۇلۇشى ئارقىسىدىكى چىرىكلىشىش مەسىلىسى ۋە مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەش ھەرىكىتىدە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، قالايمىقان قىلىش ھەمدە خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشقا ئائىت مەسىلە يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىدىكەن. قىلمىشى ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان مۇھىم، زور تىپىك مەسىلە يىپ ئۇچىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى كۈچ تەشكىللەپ بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ، بىۋاسىتە بېجىرىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تېزدىن بىر تۈركۈمنى قاتتىق، ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.

  «ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بېجىرگەن تىپىك دېلولارنى قەرەللىك رەتلەپ، پارتىيە ئىچىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ۋە ئاشكارىلاپ، پاش قىلىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 3- نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يۇڭ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئەرزىيەت، پاش قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرىدىكەن، 12388 پاش قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى 12388 پاش قىلىش سۇپىسى ۋە «شىنجاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- رېۋىزىيە» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق پاش قىلىشقا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر