باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‏[بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر‏] پېڭ جىننىڭ ئاي شارى ئارزۇسى

2019.01.31 18:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋيەن): «كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، كېچىدە تاۋۇزلۇققا قارايتتىم، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار ۋە چاقناپ تۇرغان سامانيولىنى كۆرۈپ، ئالەم بوشلۇقى، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نىسبەتەن گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتىم. شۇ چاغدا كۆڭلۈمگە چوڭ بولغاندا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش ئارزۇسى پۈكۈلگەن ئىدى»، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، پېڭ جىڭ چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ۋە چاڭئې تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىگەن چېغىدا، بالىلىق چېغىدىكى ئارزۇيىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

  پېڭ جىڭ ئېلىمىزنىڭ چاڭئې 5-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى. ئۇ 1972-يىلى شىنجاڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12-شىسى 222-تۈەنىدە چوڭ بولغان.

  مۇخبىرنىڭ تېلېفوندىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ كەمتەرلىك ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇنداق دېدى: مېنىڭ قەلبىمدە ئەڭ گۈزەل بولغىنى ئالەم بوشلۇقى ۋە تەبىئەت گۈزەللىكى، مەيلى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلار بولسۇن، ياكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ياكى ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپىدىن سۈرەتكە تارتىلغان باشقا ئاسمان جىسىملىرى بولسۇن، ھەممىسىگە قىزىقىمەن.

  ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەتقىقات نىشانىنى ئاي شارىغا قاراتقان ئىدى.

  «مەن ھازىر تەتقىق قىلىۋاتقان چاڭئې 5-نومۇرلۇق ئاي شارى ئادەمسىز نۇسخا ئېلىپ قايتىپ تەكشۈرۈش ئەسۋابى دۆلىتىمىزنىڭ ئاي شارى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسىمى، بۇ ئەسۋاب ئاي شارى يۈزىدىن نۇسخا ئېلىپ يەر شارىغا قايتىدۇ، ئاندىن ئىلمىي تەتقىقات قانات يايدۇرۇلىدۇ» دېدى پېڭ جىن.

  پېن جىن 2014-يىلىدىكى چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ئوربېتىدا ئۇچۇشىنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولغان ۋاقتىنى ئەسلەپ ئۆتكەندە، ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ناھايىتى جىددىيلەشكەنلىكىنى، ۋەزىپە ئوڭۇشلۇق تاماملانغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆڭلىنىڭ ئارامىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

  ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا، پېڭ جىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى : دۆلىتىمىزنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ چوڭقۇر ئاسمان بوشلۇقى تەكشۈرۈشىنى قوللىغىنىغا، بالىلىق چېغىمدىكى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت بەرگىنىگە رەھمەت. ھازىر، مېنىڭ كىچىك نىشانىم ئاي شارى، كەلگۈسىدە، تېخىمۇ يىراقلارغا ئاتلىنىپ، يۇلتۇزلار دېڭىزىدا ئىزدىنىش كەسپىدە جۇڭگولۇقلارغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر