باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كاچالكا تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنمەكتە

2019.01.31 09:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىر شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكىنىڭ يېڭى نېفىت رايونىغا كىرگەندە، چوڭ سۇپا، دەستىسىز پومپا، مۇھىت ئاسرايدىغان قۇدۇق رېمونت سىستېمىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم نېفىت ئېلىش يېڭى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىدى ــــ

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ

  1- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەن شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكىنىڭ يېڭى نېفىت رايونىغا كەلگەندە، ئىلگىرى نېفىتلىكتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كاچالكىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىنى نەچچە ئون كونتېينېر چوڭلۇقىدىكى رەتلىك، قاتار تىزىلغان بىنزول تاختىلىق ئىسسىق ساقلاش ئۆيىنىڭ ئالغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىم. نېفىتلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى، نېفىت ئېلىش زاۋۇتى جىشياڭ مەشغۇلات رايونى جى 7- قۇدۇق رايونى چوڭ سۇپىسىنىڭ بەنجاڭى لى پېيبىن ماڭا مۇنداق دېدى: «يېڭى نېفىت رايونى كاچالكا بىلەن خوشلىشىپ، ئەڭ ئىلغار بولغان دەستىسىز پومپىدا نېفىت ئېلىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، ھەربىر ئىسسىق ساقلاش ئۆيىدە بىر نېفىت - گاز سۇ قۇدۇقى بار».

  كاچالكىنىڭ ئىلمىي نامى سىلجىما لىملىق نېفىت پومپىسى بولۇپ، ئەنئەنىۋى نېفىتلىكنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك نېفىت ئېلىش ئۈسكۈنىسى. لېكىن شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكى يېڭى نېفىت رايونىدا، كاچالكا تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنمەكتە، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان نېفىت ئېلىش سىستېمىسى ئالدى.

  «ئەنئەنىۋى كاچالكىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، مېخانىكىلىق زاپچاسلىرى كۆپ، خورىشى ئېغىر بولۇپ، ئادەمنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدىغىنى بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرى. كاچالكىنى چوقۇم كۈندە ئاسراش كېرەك، ئىشچىلار كۈنبويى پۈتۈن بەدىنى مايلاشقان، مەينەتلەشكەن ھالدا ھېرىپ يۈرىدۇ، ھەربىر كاچالكىنىڭ ئارىلىقى 200 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئون كاچالكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرۈشكىلا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى لى پېيبىن ھاياجانلانغان ھالدا.

  مەن لى پېيبىن بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىسسىق ساقلاش ئۆيىگە كىردىم، ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا دەستىسىز پومپىدا نېفىت ئېلىش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دەستىسىز پومپىدا نېفىت ئېلىش ئاساسلىقى تۈز سىزىقلىق ئېلېكتىرو موتور، نېفىت پومپىسى، يەر يۈزىدە توك بىلەن تەمىنلەش ھەم تىزگىنلەش سىستېمىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ پىرىنسىپى قۇدۇق ئاستىدىكى تۈز سىزىقلىق ئېلېكتىرو موتور ئارقىلىق نېفىت پومپىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن تەكرار ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر قاتلىمىدىكى ئاقار جىسىمنى يەر يۈزىگە چىقىرىش. لى پېيبىن ماڭا مۇنداق دېدى: «دەستىسىز پومپىدا نېفىت ئېلىش تېخنىكىسىنى قوللانغاندا، قۇدۇق ئېغىزىدا ئايلىنىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىلمىگەچكە، بىخەتەرلىك خەۋپى تۆۋەنلىتىلدى، بۇ تېخنىكا يېشىل، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ھەربىر قۇدۇقنىڭ ئارىلىقى بەش مېتىرغا قىسقىراپ، ئون مىنۇتتىلا ئون قۇدۇقنى تەكشۈرۈپ بولغىلى بولىدۇ».

  «بۇ يەر دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى دەستىسىز پومپىدا نېفىت ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى. دەستىسىز پومپىدا نېفىت ئېلىش سۇپىسىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى دەستىسىز پومپىلىقلىقىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىقلىقىدا، تۈجۈپىلىك باشقۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ، بۇمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى نېفىتلىكنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى. بۇ نەچچە يىلدا، بىز ئىزچىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللاندۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت نېفىت ئېلىشنى تېخىمۇ ئەقلىيلەشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر» دېدى شەرقىي جۇڭغار نېفىت ئېلىش زاۋۇتىنىڭ ئىنژېنېرى شى يەن.

  ئىگىلىشىمچە، شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكى جى 7- قۇدۇق رايونىدا نېفىت چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا ساقلانغان بولۇپ، نېفىت ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىكەن. شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى تېخنىكا ئۆتكىلىگە قايتا- قايتا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا، بىخەتەر، مۇھىت ئاسراشقا، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى قۇرۇلمىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، نېفىتلىككە يانداش بىر قاتار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى ھۈنەر- سەنئەتنى شەكىللەندۈرگەن، بۇلار نۆۋەتتە كەسىپتە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدىكەن.

  چوڭ سۇپا، دەستىسىز پومپىدا نېفىت ئېلىش، مۇھىت ئاسرايدىغان قۇدۇق رېمونت سىستېمىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەدىكى يېڭى قۇرۇلمىلارنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، جىمىسار سىلانېتس مېيىنى ئىشلىتىش، جى 7- قۇدۇق رايونى چوڭقۇر قاتلىمىدىكى قويۇق نېفىتنى كۆلەملىك ئېلىش قاتارلىقلار كونا رايوننى ئۈنۈملۈك ئېچىشقا ۋە يېڭى رايوننىڭ زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار نېفىت ئېلىش زاۋۇتىنىڭ «يېقىنقى مەزگىلدە 1 مىليون، ئوتتۇرا مەزگىلدە 2 مىليون، يىراق مەزگىلدە 5 مىليون»لۇق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك موتورغا ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر