باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىزىل گالىستۇك كىچىك دەرسخانىسىدا دەرس باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

2019.01.31 09:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەن كىچىك دەرسخانىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، كىچىك ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلىمەن، بىللە ئوينايمەن، مۇئەللىم يەنە بىزگە بەزى قىزىقارلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ» دېدى سۈبھىنۇر غاپپار.

  1- ئاينىڭ 23- كۈنى ئەتىگەندە، توققۇز ياشلىق سۈبھىنۇر كىچىك سومكىسىنى يۈدۈپ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ مۇنار مەھەللىسىدىكى پائالىيەت ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ سومكىسىنى قويۇپ، شوخلۇق بىلەن ئۇيان- بۇيان يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، تونۇش كىچىك ھەمراھلىرىغا سالام قىلدى.

  بۇ يەر ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ مۇنار مەھەللىسىدىكى «قىزىل گالىستۇك كىچىك دەرسخانىسى» سىنىپى ئىدى. ئۈچ كۈن بىللە تۇرغاندىن كېيىن بارا- بارا بىر- بىرى بىلەن تونۇشقان بالىلار بۇ يەرنى تەتىللىك شادلىق باغچىسى ئورنىدا كۆردى.

  2019- يىلى قىشلىق تەتىلدە، ئىدىقۇت رايونى «قىزىل گالىستۇك كىچىك دەرسخانىسى»دىن 24نى ئېچىپ، سەككىز يېزا (بازار)، 24 كەنت (مەھەللە)نى قاپلىدى. ئوقۇتقۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق داشۆلەردىن قوبۇل قىلغان يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى، «قىزىل گالىستۇك كىچىك دەرسخانىسى» بالىلارنىڭ تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە ياردىمى بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. ئۈزۈمچىلىك بازىرى مۇنار مەھەللىسىدىكى كىچىك دەرسخانا ئۇلارنىڭ بىرى.

  تېزلا، دەرس ۋاقتى توشتى، ئالدى بىلەن يېرىم سائەت دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئۆگىنىلدى ۋە باش تېما تەربىيەسى بېرىلدى.

  كىچىك دەرسخانىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رابىگۈل غۇجى ئوقۇغۇچىلاردىن «<بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>نى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟» دەپ سورىدى.

  ئوقۇغۇچىلار بەس- بەستە قول كۆتۈردى، كەينى رەتتىكى شوخ بىر ئوغۇل بالا بىر تەرەپتىن سەكرەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىغا قول پۇلاڭلىتىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولدى.

  سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تاللانغان ئوقۇغۇچى «ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» دەپ يادلاپ بېرىشىگە، پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىردەك «جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» دەپ تەڭ يادلاپ ئۇنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى.

  «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قالتىس! بۈگۈن بىز يەنە جۇڭگونىڭ بىر قانچە داڭلىق ئەسىرىدىكى شەخسلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. كۆپچىلىك ئالتۇن توقماق كۆتۈرۈۋالىدىغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ يەنە سورىدى رابىگۈل.

  «سۈن ۋۇكۇڭ!»...

  خۇشال كۈلكە- پاراڭلار ئىچىدە، يېرىم سائەت ۋاقىت ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى دەرستىن سىرتقى يېتەكلەش بولۇپ، رابىگۈل ئوقۇغۇچىلارنى يىللىقلارغا ئايرىپ دەرس ئۆتتى، ئوقۇغۇچىلار بەس- بەستە تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەشكە باشلىدى، سىنىپ ئىچى تەدرىجىي تىنچ ھالەتكە قايتتى.

  ئەمدىلا داشۆنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان رابىگۈل، بۇ يىل تۇنجى قېتىم دەرس ئۆتۈش نۇقتىسىدا دەرس ئۆتتى. ئالدىنقى يېرىم سائەتلىك دەرسنىڭ زېرىكىشلىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، رابىگۈل ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ھەر كۈنى ھەر خىل مەزمۇندا دەرس تەييارلىدى.

  «مېنىڭچە دەرس ئۆتۈشنىڭ ماڭا بولغان ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولدى، ھەم ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئۆگەتتىم، ھەم ئۆزۈمنىڭ ئېغىز تىلىمنىمۇ پىششىقلىۋالدىم. بۇ نەچچە ئون بالىغا ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم، بۇ ھەقىقەتەن بىر قېتىملىق ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بولدى.» رابىگۈل مۇنداق دېدى: كىچىك دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى باش تېما تەربىيەسى، دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش، ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، بالىلار قىزىقىدىغان پائالىيەت، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر