باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

 ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

2019.01.30 10:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاينىڭ 14-كۈنى، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

  ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

  بىرىنچى، 2018-يىلىدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2018-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «ئىككى بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇردۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتۇق، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق داۋامىدىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلىدۇق.

  − ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئاتتۇق، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتۇق.

  − ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. مۆلچەرىمىزچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %4.5 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %6.2 ئەتراپىدا ئاشتى، ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %2.1 ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى. ئاشلىق، پاختا، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەندى. كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى %10 ئاشتى. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %13.2 ئاشتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %33 ئاشتى. ساياھەتچىلەر سانى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، %40تىن ئارتۇق كۆپەيدى. 3- كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %66.1كە يېتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى!

  − ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ياخشى باشلاندى. مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە كۆزلىگەن نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرزى بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ قالدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى پۇختا باستۇق، باشقا رايونلارنىڭ كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 537 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق، 513 نامرات كەنتنى چېكىندۈرۈپ چىقتۇق، ئۈچ نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدۇق، نامراتلىشىش نىسبىتىنى %6.51 كە تۆۋەنلەتتۇق. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، ساپ تۇپراقنى قوغداش ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتىن ئىبارەت بەلگە خاراكتېرلىك تۆت جەڭنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېشىل تەرەققىياتتا خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردۇق.

  − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ زورايتتۇق. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، نېفىت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ساقلانما مىقدارىنى تەڭشەپ، قوشۇلما مىقدارىنى ئەلالاشتۇردۇق. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. ئىچكىرى جايلاردىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار شىنجاڭغا كېلىپ پائال مەبلەغ سېلىپ، زاۋۇت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  − خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. شەھەر-بازارلاردا 475 مىڭ 800 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.3 بولدى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 805 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %6.5 ئەتراپىدا ئاشتى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %8.5 ئەتراپىدا ئاشتى. كەپىلىك رايونلاردىكى 470 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلدى، يېزىلاردا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن 282 مىڭ يۈرۈش سېلىندى. خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق!

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:

  1) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندۇق، ئىزچىللاشتۇردۇق

  چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈردۇق، كۈچىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملىدۇق.

  بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويدۇق. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. باشتىن-ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرى، تەستىقلىرى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرى، تەستىقلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  2) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق

  مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي ياخشى ئاتتۇق. قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىدۇق. جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش بويىچە ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق. چېگرانى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، 5700 كىلومېتىر چېگرا لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈردۇق. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇملۇق سىجىل مۇقىم بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەڭ پۇختا ئاساسقا، ئەڭ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق!

  3) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنولوگىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جابدۇقلىرىنى ياخشىلىشىغا، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئىقتىدار-ئۈنۈمى، مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق. يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، «ئالاقە تورى+»، ھەمبەھرە ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇردۇق. سودا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق- ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق، پولات-تۆمۈردە 2 مىليون 150 مىڭ توننا ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، كۆمۈردە 4 مىليون 620 مىڭ توننا ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتتۇق، بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان 1 مىليون 331 مىڭ كىلوۋات سائەتلىك كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تاقىدۇق، توختاتتۇق. بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى سىجىل تۆۋەنلەتتۇق.

  ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتتۇق. قارابەل سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، شەرقىي جۇڭغار−شەرقىي جۇڭگو (جەنۇبىي ئەنخۇي) 1100± كىلوۋولتلۇق پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، تۇمشۇق ئايرودۇرۇمى قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق، جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇردۇق؛ ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، كورلا-گېرمو تۆمۈريولى، داخۇاڭشەن-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق؛ خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولى، كورلا- ئاقسۇ- قەشقەر تۆمۈريولىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بۇلۇڭكۆل قونجىراپ تاشيولى، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلىدۇق. خوتەن- قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە كىردى! ئۈرۈمچى مېتروسى 1-لىنىيەسىدە قاتناشنىڭ سىناق تەرىقىسىدە باشلانغانلىقى مەركىزىي شەھەر خەلقىنىڭ مېترو دەۋرىگە رەسمىي كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى!

  نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا دائىر ئون چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك باج كېمەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتتۇق، تىجارەت-مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەقنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇردۇق. كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتتۇق. دۆلەت مۈلكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جايلىشىشى ۋە قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان كارخانىلىرىنى شىركەت تۈزۈمى بويىچە ئۆزگەرتىش نىسبىتىنى %91.6كە يەتكۈزدۇق. پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى ۋە بۇغداي سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  4) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق

  مۇھىم، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ قەرز، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى پائال، پۇختا تۈگەتتۇق. تەۋەلىك جاي بويىچە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتۇق. قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردۇق، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، P2P دىن ئىبارەت ئالاقە تورىدا قەرز ئېلىش- بېرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىدۇق.

  نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 33 مىليارد 411 مىليون يۈەن سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست %92.3نى ئىگىلىدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى جانلىق نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق. قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ خۇڭشىن كەنتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناچار ئېغىر نامرات كەنتلەرنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن گەۋدە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتۇق. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ ۋە تۈرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدۇق. «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، «شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)»نى چىقىرىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتۇق. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە قايتما ئىنكاس قىلغان پىكرى بويىچە تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلدۇق. ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ھەۋزىسىدىكى ئىككى مىليون مولۇق كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز قۇرۇپ، قۇملاشقان يەردىن 5 مىليون 940 مىڭ مونى تۈزىدۇق، 2 مىليون 720 مىڭ مو ئورمان ئەھيا قىلدۇق. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تىرىشتۇق!

  5) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتۇق

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىي رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدۇق. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. شىنجاڭدىن غەربكە قاتنايدىغان جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى يۈك پويىزى 1002 قېتىم قاتناپ، %24.3 ئاشتى، 1 مىليون 730 مىڭ توننا يۈك توشۇلدى، تاموژنىدىن ئۆتۈش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قىسقاردى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، 2 مىليارد 738 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم تۈزدۇق.

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈردۇق. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەر، مۇقىم بولدى، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخىنى تېجەش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كۆرۈنەرلىك بولدى، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون توننا ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، چارۋىچىلىق پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلدى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى يېڭىدىن 2 مىليون مو كۆپەيدى. شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىغا سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تورنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. 18 مىليون مو يەرنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ماختىشىغا ئېرىشتۇق.

  ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدۇق. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى چىقاردۇق، دۆلەت ئىلكىدىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلەتتۇق. ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەت ۋە «ساياھەت+»نى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل زورىيىشى، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتى دۇنيا ئەھلىگە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى!

  6) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق

  پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىشكە، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 690 مىڭ ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، تاماقتا بىللە بولۇش، يېتىپ- قوپۇشتا بىللە بولۇش، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش، ئەمگەكتە بىللە بولۇش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتتى. ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى يارىتىشنى پائال تېزلىتىپ، بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇردۇق!

  پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردۇق. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق. نورمال دىنىي ئېھتىياجغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدۇق. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتتۇق. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان، تارقىلىدىغان ۋە سىڭىپ كىرىدىغان تۇپراقنى قەتئىي يوقاتتۇق.

  7) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال كېڭەيتتۇق. شەھەر-يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئېغىر نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىدىن 75 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك، مۇقىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 52 مىڭ 400 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈردۇق.

  مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى يولغا قويدۇق. يەسلى مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ بارلىق شەھەر- يېزىلىرىدا ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۈچەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدۇق. نامرات ئوقۇغۇچىلاردىن «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ نۇرىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا جۇلالاندۇردۇق!

  داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتتۇق. داۋالاش، دورىگەرلىك، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتۇق. ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەلەردە يىراقتىن داۋالاشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، 15 خىل ئېغىر كېسەلنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش، داۋالاشنىڭ، سوزۇلما كېسەللىكلەرگە كېلىشىملىك مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېزا نوپۇسىدىكى ئاغرىقلارنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دائىرىسىدە «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش» ۋە «بىر بېكەت»لىك راسچوت قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتۇق!

  ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. شەھەر-بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 68 مىڭ 900 نامرات ئاھالىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇق پۈتتى. گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى تاماملىدۇق، پەيزاۋات، جىڭدىكى يەر تەۋرەش، قومۇلدىكى كەلكۈن قاتارلىق ئاپەتلەردىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلەتتۇق. تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق.

  ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلەتتۇق. شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ۋە تولۇقلىما سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان 320 مىڭ نامرات ئوبيېكتنىڭ ھەممىسىنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش ۋە ئۆزى ئىختىيار قىلغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق، 80 ياشتىن ئاشقانلارغا چوڭ ياشلىقلار ياردەم پۇلى بېرىش، سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە مېيىپلەرگە «ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما» بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

  بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم ياخشىلاندى، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆرۈلمىدى. بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، «ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە، تەجرىبىخانىدىن دوختۇرخانىغىچە» بولغان ھەربىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدۇق!

  8) دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى-ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق. ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، باشلامچىلىق رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئاپپاراتلىرى، يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى دەپ تەستىقلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى قوزغىتىپ، يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويدۇق. پۈتۈن يىلدا ئىلتىماس قىلىنغان پاتېنت 10 مىڭ 725، ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنت 7512 بولدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 130 نەچچە ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئاپپاراتىنى بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا توپلىدۇق، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ كىرىمى %36 ئاشتى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش %35 ئاشتى.

  مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق، بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشىنى تىزگىنلەش، ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، يەسلى مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇردۇق. يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %95.95 كە، باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.91 كە يەتتى. شىنجاڭ تەبىئىي پەن-سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇش خىزمىتىنى قوزغاتتۇق.

  مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرى تۈرلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈلگە رايونى (تۈرى) بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى. يۇغۇرما تاراتقۇ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.

  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەردۇق ۋە مەدەت بەردۇق. ئىستاتىستىكا-تەكشۈرۈش، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، تاشقى ئىشلار، مېتېئورولوگىيە، يەر تەۋرەش، ئۆلچەش-سىزىش، گېئولوگىيە، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، ياشانغانلار، مېيىپلەر ئىشلىرى، تەزكىرە، ئارخىپ قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتتۇق.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنىي نازارەتچىلىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 444 پارچە تەۋسىيەسىنى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 639 پارچە تەكلىپىنى بېجىردۇق. ئاپپارات ئىسلاھاتىنى مۇقىم، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئالتە پارچە يەرلىك نىزامنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن ئۈچنى ئېلان قىلدۇق. قانۇن ئىجراچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇننىڭ قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توستۇق. پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىدا «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق.

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەن خىزمىتىگە دائىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەن خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىدۇق. بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللىدۇق، قانۇن بويىچە 2190 تۈرلۈك مەمۇرىي فۇنكسىيە ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى بىڭتۈەنگە بەردۇق. بىڭتۈەننىڭ شەھەر تەسىس قىلىش، بازار قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتۇق. بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدۇق. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، مۇقىملىقنى قوغداش، كادىرلار- ئىختىساسلىقلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى!

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 15 مىليارد 962 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈر مەبلىغىدىن 256 مىليارد 45 مىليون يۈەن كىرگۈزدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كىرگۈزۈشىنى قوللىدۇق، ئىچكىرى جايلاردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق 17 مىڭ 800 نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بەردۇق. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىدۇق. قىسىملارغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدۇق، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش-ئورتاق بەرپا قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ياراتتۇق!

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا چۈشمىدى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىلەرگە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭمۇ جاپالىق تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يەردە، مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر- جەڭچىلەرگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىغا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ۋە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

  خاتىرجەم كۈنلەردە خەۋپنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، گۈللەنگەندە كۈلپەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن تاشقى مۇھىت ۋە ئىچكى شارائىتنىڭ ھەممىسىدە چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ھېلىھەم بىر قەدەر چوڭ، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ. ئاساسلىقى: جەمئىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىپىمىزئېغىر، مۈشكۈل؛ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، كەسىپ قۇرۇلمىسىدا بىر تەرەپكە ئېغىش مەۋجۇت، كەسىپ زەنجىرى قىسقا، ئېشىش يىرىك، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاستا، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل؛ ئىجتىمائىي سېلىنما يېتەرلىك ئەمەس، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى يېتەرلىك ئەمەس؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل، نامرات نوپۇس جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ يېڭىش ئەڭ تەسكە چۈشىدىغان «قاتتىق قىيىنچىلىق»؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە كەمتۈكلۈك ئاز ئەمەس، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتى يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا بىر قەدەر قىيىن. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خىزمىتىدىمۇ نۇرغۇن يېتەرسىزلىك مەۋجۇت: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تەلەپتىن خېلىلا يىراق، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ بەزى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ خىزمىتىگە يەنىلا نۇرغۇن پىكرى بار؛ ئايرىم كادىرلاردا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش ئەھۋالى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھېلىھەم مەۋجۇت؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ بەزى كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى تۇتۇش ئىقتىدارى كەمچىل، قابىلىيىتى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. بىز پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشقا، تۈزىتىشكە كۈچەپ، جان- دىلىمىز ۋە بار كۈچىمىز بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.

  ئىككىنچى، 2019-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور.

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قويۇلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بازارلاشقان ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇش، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچەپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش.

  بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر- بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر- بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 ئىچىدە تىزگىنلەش، بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %2.11 تۆۋەنلىتىش.

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغدايمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايمىز، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، جەزمەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز.

  1) باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىمىز

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن بېكىتىپ بەرگەن باش نىشان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇقەددەس بۇرچ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىمىز، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچە تەۋرەنمەيمىز، قىلچە بوشاشمايمىز. ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بىرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشماي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش- تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا، ئۇزاققىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ كەڭ ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى داۋاملىق پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى تەلتۆكۈس يوقىتىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغان دەۋرنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان شاد ماكانغا، ھەر مىللەت خەلق گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان بەختلىك يۇرت- ماكانغا ئايلاندۇرىمىز!

  2) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلايمىز

  زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. «قەتئىي بولۇش، تىزگىنلىگىلى بولۇش، تەرتىپلىك بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش» تەلىپى بويىچە، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز. پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت مەخسۇس قەرز چېكىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن ساقلانما قەرزىنى تەرتىپلىك، پۇختا تۈگىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرزى بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ-خەتىرى كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلايمىز. يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى سودا ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، يەر ئاستى سەرراپخانا ئېچىش، يەر ئاستى سۇغۇرتا تالونى كېسىش قاتارلىق قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىگە قەتئىي زەربە بېرىمىز. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى، كاپىتال بازىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەردىن پائال ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلايمىز.

  نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ تۇتۇپ، 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچ سالماقنى زورايتىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 12 نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا، 976 نامرات كەنتنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا، 606 مىڭ 100 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايمىز. نامرات كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايمىز. نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر پۇڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، ھەر بىر نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى نامرات ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز!

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، مۇزلۇق، قارلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇھىت ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى ۋە مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىمىز، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە، كۈيتۈن-مايتاغ-شىخو قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش ۋە بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئورتاق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئورتاق تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاۋا سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلايمىز. نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولغان نازارەتچىلىكنى، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتا ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ 2-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. مەركەز مۇھىت ئاسراش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. مۇھىتقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش داۋامىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىت لايىھەسىنى تۈزۈشىگە ئاكتىپ ياردەم بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنىڭ ئاددىي، تومتاق بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىمىز. دۇنياۋى تەبىئىي مىراس جايلار، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى، قۇملاشقان يەرلەرنى دائىرىلەپ قوغداش رايونلىرى، مۇھىم ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونلىرى قاتارلىقلارنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بېكىتىلىپ بولغان قوغداش رايونلىرىنى ئۆز مەيلىچە تەڭشەشكە بىردەك يول قويمايمىز. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پاكىز سۇ ئىچىش، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش، مۇھىتنى ياخشىلاش نەتىجىلىرىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز!

  3) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتىمىز. «چىقىرىش» ۋە «كىرگۈزۈش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە كۈچەپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ يىغىپ قاچىلاش-يىغىپ توشۇش ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى تېزلىتىمىز. ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد ئۈلگە رايونى، تۆمۈريول پورتى سودا ئىشلىرى، سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى باغچە رايونىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرىمىز. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدا فۇنكسىيەنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، مەۋقەنى مەملىكەت ئىچىگە قويۇپ، ئەتراپقا يۈزلىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى ۋە ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پورتلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. قاتناش تۈگۈنى، سودا-ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت- پەن- مائارىپ، رايون پۇل مۇئامىلىسى، داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىن ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈر تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، ئۈلگىلىك، بەلگە خاراكتېرلىك نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىل ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 19 پورتنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىمىز، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پورتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پورتلارنىڭ ئورنى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز، يۇمشاق- قاتتىق دېتال ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى ۋە مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك ۋە سۇپىلارنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز.

  ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىمىز. شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاۋار ۋە ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجازەت بېرىشتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن سەلبىي تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىمىز. جۇڭگو-پاكىستان، جۇڭگو-موڭغۇلىيە-رۇسىيە قاتارلىق ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت بايلىقلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى، ئۆزگىچە كەسىپلەر، چېگرا (چېگرا ھالقىش) ساياھىتى، چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا سودىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، «ئۆتەڭ ئىگىلىكى»نىڭ «كەسىپ ئىگىلىكى»گە، «پورت ئىگىلىكى»گە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا سىرتى ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق باغچە رايونى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاۋار، تېخنىكا ۋە جابدۇق ئېكسپورتىغا تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسىپلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش سىنىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. 2019- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. پەرقلىق سىياسەتتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭ بازىرىغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز!

  4) يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

  يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللاشتۇرۇش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرىمىز. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مىقداردىن سۈپەتكە ئۆزگىرىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداينى سېتىۋېلىش-زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئامباردىكى سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن تەننەرخلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېۋە-چېۋە قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن پائال شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ مېۋە-چېۋىلىرىنىڭ «ئالتۇن ماركا» داڭقىنى چىقىرىمىز. گۆش كالىسى، گۆش قويىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، شىنجاڭ سۈتچىلىكىنىڭ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئۇرۇقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنىڭ جىپسىلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئوبوروت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، دېھقانلار بىلەن تاللا بازارلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭىچە ئوبوروت كەسىپ ھالىتىنى راۋاجلاندۇرىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمى ۋە ئالاقە تورى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە «ئون شەھەر، 100 دۇكان» تەجرىبىسىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى مەركىزىي شەھەرلەردە بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت بازىلىرىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى جايلاردىكى بازارلاردا سېتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز.

  يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرىمىز. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، يېزا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايمىز. ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىق يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۆپ خىل، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىمىز. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېنىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا تىرىشىمىز. يېزىلاردا مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، ئۆيلۈك يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان دېھقان- چارۋىچىنى يېزا يەر ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرىمىز!

  شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەنىڭ يېزىلارغا ئۇزىرىشىغا، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشىگە، كەسىپلەرنىڭ يېزىلارغا مۇۋاپىق جايلىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تۇتىمىز. ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورىنى ناھىيەدىن تۆۋەن جايلارغا ئۇزارتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئىختىساسلىقلار ۋە تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرىمىز. دېھقانلارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزىلارغا چۈشۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىلارنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنى بەرپا قىلىمىز، شىنجاڭغا ماس كېلىدىغان زامانىۋى يېزا- كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ۋە ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  يېزا-كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئەخلەت-پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، كەنت قىياپىتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان گۈزەل يۇرت-ماكانغا ئايلاندۇرىمىز!

  5) شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىمىز

  يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىمىز. ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونى ۋە دۇنياۋى مۇھىم ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ساياھەت يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساياھەت تۈرى، نۇقتىلىق ساياھەت لىنىيەسى مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىمىز. پۈتۈن دائىرىلىك ساياھەت تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «ساياھەت +» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەت بىلەن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، قاتناش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەت تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان توسالغۇنى چىقىرىپ تاشلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسىنى %40تىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.

  ساياھەت داڭلىق ماركىسى يارىتىمىز. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن يارقىن ئىسىم كارتىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ روشەن بەلگىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىنى ئۆستۈرىمىز. تەبىئىي ئېكولوگىيە ساياھىتى، تارىخىي مەدەنىيەت ساياھىتى، ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى، ئىستىراھەت-دەم ئېلىش ساياھىتى، دالا ھەرىكىتى ساياھىتى، ئاپتوموبىل ساياھىتى، قىزىل لىنىيە ساياھىتى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ساياھىتى، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى، چېگرا ساياھىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى كۈچەپ يارىتىمىز. ئالتاي تېغى «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئىلى يايلاق مەدەنىيىتى ساياھىتى، يىپەك يولى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ساياھىتى، تىيانشان تېغىنى ئايلىنىش مىڭ چاقىرىملىق ئالتۇن ساياھىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى نۇقتىلىق بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىمىز. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سەرخىل مەنزىرە رايونلىرى ۋە سەرخىل لىنىيەلەرنى ئېچىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىمىز. ھازىرقى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولىمىز، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. كونا داڭلىق ساياھەت تاۋارلىرى، ئۆزگىچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە خاس ماركىغا ئىگە، ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم داڭلىق ساياھەت تاۋارلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز.

  ساياھەتنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدا، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتە، يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ساياھەت تىجارەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يانداش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرى، ساياھەت يېزا- كەنتلىرى ۋە قاتناش ئاساسلىق غول لىنىيەلىرىنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش سىگنالى راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش سىستېمىسى، ئەقلىي ساياھەتچىلىك سىستېمىسى ۋە ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، ساياھەت ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ساياھەت بازىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئازادىلىك تۇيغۇسى، رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭ ساياھىتىنى ئارزۇ قىلىدىغان، شىنجاڭ ساياھىتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان قىلىمىز! ساياھەتچىلىكنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، بېرىدىغان پايدىسى ئەڭ زور، پۇقرالارنى ئەڭ كۆپ بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە بېيىتىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز!

  6) ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز

  ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىمىز. 1-كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2-كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3-كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يېتەكلەش رولى ۋە تەسىرى بار بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرى ھەمدە ئۈلگىلىك رولغا ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىمىز.

  يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش-توشۇش، پىششىقلاش ۋە سېتىش ھالقىلىرىغا كىرىشىگە ئىلھام بېرىپ، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، روشەن خاسلىققا ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر تۈركۈم بازىلارنى قۇرىمىز، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتلىك ماركىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى، مال يەتكۈزۈش، سوغۇق پېتى توشۇش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. مالىيە، پۇل مۇئامىلىسى جەھەتتىكى يۆلەش سىياسەتلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يەرلىكتىكى بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىمىز.

  سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ياخشىلاش، دەرىجە ئۆستۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تېخنولوگىيەنى ياخشىلىشىغا، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي، قومۇل قاتارلىق يەتتە ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش ۋە توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپ توپىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، سۈنئىي ئەقىل، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، بىيودورا قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىساد ئەۋزەللىكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز. ساھە باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي كۈچكە ئىگە، كۆلەملەشكەن، يېتىلىشى ياخشى، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بىر تۈركۈم پۇقراۋى كارخانىلارنى نۇقتىلىق قوللاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بىرىكىپ قايتا تەشكىللىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قۇراشتۇرۇش، ئاياغ، باش كىيىم، ئويۇنچۇق، كەيمە چاچ قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان كىيىم- كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى قاتارلىق تېرمىنال كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «ھەمراھ زاۋۇت» «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۈلگە بازىسى ۋە دۆلەتنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىسىنى بەرپا قىلىمىز.

  زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ئەسلىھەلىرى ۋە شەھەر- يېزىلارنىڭ بازار تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سودا ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال بازارلارنى ياخشى قۇرىمىز. چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئالاقە تورى +»نىڭ ئۈچ كەسىپ بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەقلىي داۋالاش، بالىلار تەربىيەسى-ياشانغانلارنى كۈتۈش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ئائىلە مۇلازىمىتى، ئىستىراھەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە تۈزۈم مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، مۇھىم، زور پەن- تېخنىكا تۈرلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەجرىبە رايونى ۋە ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىمىز.

  7) ئاچقۇچلۇق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا بولغان ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاخىرقى كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز

  قاتناش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىش تېز بولۇش»نى توغرا نىشانلاپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن ئىجتىمائىي سېلىنمىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «كىم مەبلەغ سالسا، شۇ مەنپەئەتلىنىش» پىرىنسىپى بويىچە، دۆلەت، ئۆلكە تاشيولى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. جىڭ-ئالاتاۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشىنى باشلايمىز، G30 لىنىيەسى ئۈرۈمچى-كۈيتۈن، داخۇاڭشەن -ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى تاماملاشقا تىرىشىمىز. تۆمۈريول تورىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەتكۈزۈش-تۇتىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كورلا-گېرمو تۆمۈريولى، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈرۈمچى-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى قوش لىنىيەسىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز. قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىنى پۈتتۈرىمىز. لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى غول لىنىيە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك ئۆتۈشمىسىنى ئىككى قانات قىلغان تۆمۈريول «قاتناش چەمبىرىكى»نى بەرپا قىلىمىز. ئايرودۇرۇملارنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيەنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى خەلقئارالىق ئايروپورتى قاتارلىق ئۆزگەرتىش- كېڭەيتىش تۈرلىرى ۋە كېرىيە ئايرودۇرۇمى قاتارلىق يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتى بىرلەشمە تىرانسپورت تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز.

  سۇچىلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم، زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم، زور سۇچىلىق تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىمىز. يۇرۇڭقاش، قورغان، مومۇق قاتارلىق سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز. چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇر سۇ ئامبىرى قاتارلىق تۈرلەرنى تاماملايمىز. ئويئېڭىز سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۇچىلىق تۈرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، سۇنىڭ ئۇللۇق تەبىئىي بايلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي بايلىق بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.

  ئېنېرگىيە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. شەرقىي جۇڭغار يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز. قەشقەر-يەكەن ۋە يەكەن-خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ۋە توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1- قەرەللىك) قۇرۇلۇشى، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، قومۇلنىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تەبىئىي گازنى زاپاس ساقلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلايمىز، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھ شىركىتىنىڭ ماناس كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ نېفىتلىكى، جىمىسار زىچلاشما نېفىتلىكىنى ئېچىش، كۇچا تاغ ئېتەكلىرىدىكى تەبىئىي گازنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، شۇنبېي نېفىتلىكى-گازلىقىنى ئېچىش قاتارلىق مۇھىم، زور نېفىتلىكلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش- ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىمىز.

  شەھەر-بازار ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر يول تورى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇلۇت شەھەر قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرىمىز، سۇ، پار، گاز، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە خەۋەرلىشىش قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشى يۈرۈشلەشتۈرىمىز. شەھەر ۋە ناھىيە بازىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. شەھەرلەردىكى قارا سېسىق سۇنى تۈزەش ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش، ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق سەپلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ قولاي، ئازادە، گۈزەل ئولتۇراق مۇھىتىغا ئېرىشتۈرۈپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمىز!

  ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنى تۈزەش ھەم سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز، جىغان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ توغراقلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز.

  كۆپ يول ئارقىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغى غەملەيمىز. خامچوت ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز چېكى قاتارلىق مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ «ئاز پۇل بىلەن كۆپ ئىش قىلىش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرگە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز. ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى چەكلىمىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىمىز. ئەلئارا كاپىتالنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، بىرلەشمە خېرىدار چاقىرىش- خېرىدار چىقىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىمىز. مەركەز كارخانىلىرى، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئىچكىرىدىكى كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىلارنى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا پائال جەلپ قىلىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مائارىپ، مەدەنىيەت، ساغلاملىق، ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىشكە، قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز.

  8) نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مەبلەغ، مۇھىت ئاسراش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. «مۇردا كارخانىلار»نى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىمىز، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىمىز. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك تىجارەت-سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، باراۋەر، ئوچۇق، ئاشكارا بازار قائىدىسى ۋە قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز.

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. زور كۈچ بىلەن مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىمىز. ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، بازار ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكى، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەق تىزىملىكى قاتارلىق تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى ئون چوڭ ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما تۈرلىرىدە ۋەدە بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز، بازار سۇبيېكتلىرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويىمىز، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى 120 خىزمەت كۈنى ئىچىدە، كارخانا ئېچىشنى تەستىقلاشنى 8.5 خىزمەت كۈنى ئىچىدە، كۆچمەس مۈلۈكنى ئادەتتىكى تىزىملاشنى ئون خىزمەت كۈنى ئىچىدە، رەنىلىك تىزىملاشنى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. «ئىككى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» ئارقىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ۋە ئامما ئىش بېجىرىشتە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش»، تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، كىنىشكا-ئىسپاتلارنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرىمىز.

  دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت مۈلكىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ قۇرىمىز، بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالىنى يۈرۈشتۈرۈش شىركەتلىرىنى تەشكىللەپ قۇرىمىز. 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ گۇرۇھلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ساياھەت، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق دۆلەت كاپىتالى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ساھەلەرگە كىرىشكە يېتەكلەيمىز. دۆلەت كاپىتالىنى ھوقۇق بېرىش ئاساسىدا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى پاي تۈزۈمى بويىچە سەرخىللاشتۇرۇش، قايتا تەشكىللەش ئىسلاھاتىنى يۈكسەلدۈرىمىز. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز.

  پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز. «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكىر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى خاتىرجەم قىلىمىز. پۇقراۋى كارخانىلارغا دائىر بازارغا كىرىش ئىجازىتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىجازىتى، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش، خېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار چىقىش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇئامىلە باراۋەرسىزلىكىنى تېزدىن يوقىتىمىز، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئوخشاش ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىپ، بازارنىڭ باراۋەر، ئوچۇق، ئاشكارا بولۇش قائىدىسىگە خىلاپ سىياسەت-ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاپ، خالىغانچە چەك قويۇش، قانۇننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش، ھوقۇقنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن باراۋەر رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز. قەرزنى تۈگىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى نېسى قالدۇرىدىغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز. ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي بازىرىغا بىۋاسىتە كىرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايمىز. پۇقراۋى كارخانىلارغا يار-يۆلەك بولۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ ئورنىتىپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، رىغبەتلەندۈرىدىغان ۋە قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەنبەلىرىنى تولۇق ئېچىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتىمىز! پۇقراۋى كارخانىلارنى بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلەندۈرىمىز!

  مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ۋە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىكى مەخسۇس تۈر قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. خامچوتنى نەتىجە- ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بارلىق تارماق، ئورۇن، بارلىق مالىيە مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى نەتىجە- ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نەتىجە-ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. خامچوت ۋە نەق چوتنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، خامچوت ۋە نەق چوتنى ئاشكارىلاش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش»كە قاتناشقان كارخانىلارغا جانلىق، مايىللاشقان پۇل مۇئامىلە يۆلەش سىياسىتىنى قوللىنىمىز. شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىغا كىرىپ ۋىۋىسكا ئېسىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىكتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى شىركەت تۈزۈمى بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى بانكا ۋە مەھەللە بانكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز.

  9) مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىناقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىمىز. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ھەرقايسى مىللەتلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك!

  دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدۇر. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرىمىز، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىمىز. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىمىز. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىمىز. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي خادىملارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىنلارنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە زورايتىمىز. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىمىز. ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقى ۋە مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىمىز. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى تەييارلىق قىلىپ ئۆتكۈزىمىز. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەيرىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىمىز.

  10) خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز

  ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈرگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، قىيىنچىلىقى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتىمىز. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىڭتۈەنگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇۋاتقانلارنى «بىرگە بىر» ياردەم بېرىپ يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىن كەم دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۈگىتىلگەندىن كېيىنكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئىشلەيمىز. بۇ يىل شەھەر-بازارلاردىكى 450 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  مائارىپ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزىلارنىڭ يەسلى مائارىپىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز. شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشى ۋە مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايون ھەمكارلىشىپ قۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، شىخەنزە داشۆنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تولۇقسىز- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش ۋە پەرقلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويىمىز. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتىلغان تەمىنات سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مائارىپنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

  سەھىيە، ساغلاملىق ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويىمىز، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، نۇقتىلىق يەرلىك كېسەل، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش، داۋالاش سالمىقىنى زورايتىمىز. دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. داۋالىنىشنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرىمىز. ساغلاملىق، كۈتۈش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا قارىتا سەھىيە- ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ساغلاملىق بەخت- سائادىتىگە ئېرىشتۈرىمىز!

  شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئەمىن ئۆي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر-بازارلارنىڭ كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلاردىكى ئاممىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئۆيگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز، شەھەر-يېزىلاردىكى ئوتتۇرا- تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەر ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەھەر-بازارلاردا قۇرۇلۇش يېرى بىلەن نوپۇسقا ئېلىنغانلارنىڭ كۆلىمىنى ئۆزئارا چېتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونىدىن يۆتكەلگەنلەرنىڭ شەھەردە نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغايمىز. تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېتىۋېلىش-ئىجارە ئېلىش تەڭ يولغا قويۇلغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق يېزا-بازار، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ بولىمىز. «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر تورىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئوخشاش توردا ئوخشاش باھا بولۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، توك پارىنى كېڭەيتىش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشتىن تېخىمۇ تولۇق بەھرىمەن قىلىمىز.

  ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز. ياشانغانلار، مېيىپلەر، روھىي توسالغۇ بىمارلىرى قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. ياشانغانلارنى كۈتۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرلەردە ياشانغاندا كۈتۈنۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىمىز. «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بېقىش سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش-مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز.

  بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش- جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى قەتئىي توسىمىز. بىخەتەرلىك ئۇل كاپالىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، ھاۋا رايى، گېئو ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز. يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېمەك-ئىچمەكتىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدىغان، دورا ئىشلىتىشتىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلمايدىغان، تۇرمۇشتىن تېخىمۇ ھۇزۇر ئالىدىغان ئىمكانىيەتكە تىرىشىپ ئىگە قىلىمىز!

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ھۆكۈمەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتى. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، بىڭتۈەننىڭ زورىيىشى شىنجاڭنىڭ زورىيىشى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىشى، «ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇس بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇش» قاتارلىق ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، چېگرا رايونلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇجەسسەملەيدىغان چوڭ پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈلگىلىك رايون بولۇش فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللايمىز. بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇشىنى قوللايمىز. بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايوننى تەڭ قوغدايدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ تەڭ بەرپا قىلىدىغان، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز.

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە، ناھىيەدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا سېلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە- شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ھەر جەھەتتىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم دۆلەت مۇداپىئەسى ئىستراتېگىيەلىك توسۇقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى پولات سېپىلنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن- ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەيمىز! ھەربىيلىكنى پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز!

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! باش شۇجى شى جىنپىڭ: «دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى» دەپ كۆرسەتتى. يۇقىرىقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە مەدىتىنى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك روھ بىلەن، خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمر-پەرمانىنى راۋان ئىجرا قىلىشقا، بۇيرۇق- تەلەپلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرىمىز.

  ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. ئومۇمەن بازار ئۆز ئالدىغا تەڭشىيەلەيدىغانلىرىنى بازارنىڭ تەڭشىشىگە، ئومۇمەن كارخانا قىلالايدىغانلىرىنى كارخانىنىڭ قىلىشىغا بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىۋاسىتە تەقسىملىشىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون) ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئاپپارات قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، فۇنكسىيەنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، «غورىگىل كۈن كەچۈرۈش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەممە ئىشنى ئىقتىسادچانلىق بىلەن قىلىپ، ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق تىزگىنلەپ ۋە كېمەيتىپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى» خامچوتىنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز، مۇتلەق ۋە نۇقتىلىق تۈر چىقىمىدىن باشقا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر چىقىمىنى بىردەك %5تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەت بويىچە كېمەيتىدۇ.

  قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز. فۇنكسىيەسى ئىلمىي، ھوقۇق- مەسئۇلىيىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئاشكارا-ئادىل، پاك-ئۈنۈملۈك، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، لەۋزىدە تۇرىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. ئىلمىي نىزام چىقىرىش، دېموكراتىك نىزام چىقىرىش، قانۇن بويىچە نىزام چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنى ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىشىغا قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام-قائىدىگە ئاشكارا پىكىر ئېلىش ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى ئاممىغا يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئېلان قىلىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى پۈتۈن جەريانلىق خاتىرىلەش ۋە مۇھىم، زور مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىغا ئائىت قارارلارنى قانۇن-تۈزۈم نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي جازا ئۆلچەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ۋە دەۋاغا چىقىش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز.

  ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىمىز. «ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى بوشاشماي تۈزەپ، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك، يۈزەكىلىك، شەكىلۋازلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ناچار، داۋراڭ كۆپ، ھەرىكەت ئاز بولۇش ئەھۋالىنى قەتئىي تۈگىتىپ، «ئوننى قىلىش، ئوننى قەتئىي مەنئى قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىستاتىستىكا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز. سادىق بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار نەتىجە يارىتىپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىمىز. ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى قىلمايمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىمىز. ھۆكۈمەت ئىستىلىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئىستىلىمىز بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ماھارىتىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، بىلىمىمىزنى تولۇقلاپ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىش، يېڭى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بازار ئىگىلىكىنى ئىگىلەش ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى، سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى بازار چارىسى ۋە بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشنى ئۆگىنىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرىمىز.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىمىز. شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرىمىز. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى تۈرلۈك چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىمىز!

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇقەددەس بۇرچىمىز بىزگە ئىلھام بەرمەكتە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئىستىكى بىزنى چاقىرماقتا. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى، مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى سەپىرىدە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى! ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

  (ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر