تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋىنۋۇ، چېن رۇڭجياڭ خەۋىرى): 2019-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى مەركىزىي سۇلۇق يەر باغچىسى گۈزەل تۈسكە كىرىپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. قىش پەسلىدە موڭغۇلكۈرەنىڭ ھەممىلا يېرىنى قار ۋە مۇز قاپلىغان بولۇپ، تېكەس دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى دەرەخلەر ئاق لىباس بىلەن ئورىنىپ، دەرەخ شاخلىرىدا بەئەينى قاشتېشى بېزەكتەك مۇزلار شەكىللەنگەنىدى، قارىغاي يوپۇرماقلىرى كۈمۈش گۈللەرگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، پارقىراق ۋە كۆركەم ئىدى، شامال چىققاندا بۇ «كۈمۈش گۈل» لەر «ئۇسسۇلغا چۈشۈپ»، قۇياش نۇرى ئاستىدا چاقناپ تۇراتتى، ئەتراپتا چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان گۈزەل مەنزىرە ئەكس ئېتىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.