باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىدە 4-لىككە ئېرىشتى

پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

2019.01.23 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇخادىن چىققۇدەك يەنە بىر چوڭ غەلىبىدىن كېيىن، 19-يانۋار، 2018- 2019- پەسىللىك WCBA بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى 34-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، بۇ پەسىللىك ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقە ئاياغلاشتى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى رەت تىزىملىكىدە 4-ئورۇنغا تىزىلىپ، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون بېيجىڭ شوۋگاڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقە رەت تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا تىزىلغىنى ئايرىم-ئايرىم گۇاڭدۇڭ كوماندىسى، 1-ئاۋغۇست كوماندىسى ۋە جياڭسۇ كوماندىسى بولدى.

  __ بۇ يىل ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن، كوماندىنىڭ سەۋىيەسىدە زور ياخشىلىنىش بولدى، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە نىسبەتەن بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار، __ شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى شيوڭ يەن شۇنداق دېدى.

  بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى باشلىنىشىدا ئانچە ياخشى ئوينىيالمىدى. 10-ئايلانما مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى جياڭسۇ ئاياللار كوماندىسىنىڭ سابىق تىرېنېرى شيوڭ يەننى تىرېنېرلىققا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، 23 مەيدان يېڭىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇردى. ئۇتتۇرغان كوماندىسى ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى رەت تەرتىپىدە 1-بولغان گۇڭدۇڭ كوماندىسى ۋە 3-بولغان جياڭسۇ كوماندىسى بولدى.

  بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە، كۈچلۈك كوماندىلار كۆپ بولۇپ، گۇڭدۇڭ كوماندىسى، 1-ئاۋغۇست كوماندىسى، جياڭسۇ كوماندىسىنىڭ نىشانى چېمپىيون بولۇش ئىدى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ چېمپىيونى بېيجىڭ شوۋگاڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىدە 5-ئورۇنغا تىزىلدى. بىراق بېيجىڭ كوماندىسى يېقىندا ئىلگىرى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىغان مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك ئەزا تىنا چارسنى قېتىۋالدى. بۇ كۈچلۈك ئەزا بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ كۈچىنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈردى.

  ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىنى ئۆز مەيدانى ۋە قارشى تەرەپ مەيدانىدا ئىككى نۆۋەت مەغلۇب قىلدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى شيوڭ يەن مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىق ئەلۋەتتە بار، بېيجىڭ كوماندىسنىڭ كۈچى يېقىندا تېخىمۇ كۈچەيدى، بىراق بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئوبدان قىلىمىز. بىز ھېچقانداق رەقىبتىن قورقۇپ قالمايمىز.

  2-ئاينىڭ 13-كۈنى، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقە باشلىنىدۇ. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاۋۋال قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر