باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2019-يىلى شىنجاڭدا ئالتە ئايرودۇرۇم ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇپ، توققۇز ئايرودۇرۇم يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ

2019.01.22 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىلى شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچلىرى بولسا، ئاپتونوم رايون بويىچە يولۇچىلار مىقدارىنى 36 مىليون 450مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكۈزۈش؛ قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ، چۆچەك، ئالتاي، تۇرپان قاتارلىق ئالتە تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇش؛ تاشقورغان، موڭغۇلكۈرە ۋە كېرىيە قاتارلىق توققۇز ئايرودۇرۇمنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئايرودۇرۇم تورى قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ. بۇ، مۇخبىر 1- ئاينىڭ 18- كۈنى خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىگەن خەۋەر.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايونىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىمەكتە، دەسلەپكى لايىھە ۋە تەخمىنىي چوتنى باھالىشى پۈتتى.« 13ـ بەش يىللىق پىلان»دىكى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى نۇقتىلىق تۈرلىرىدىن 10 تۈردە ئىش باشلاندى، تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي 3 مىليارد 30 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، چەرچەن، يەكەن (ناھىيە)، چاقىلىق ۋە تۇمشۇق ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ ئايروپىلان قاتنىدى، كورلا ۋە خوتەن ئايرودۇرۇمدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر