- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا تېخنىكىلىق ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلدى
بۇلتۇر شىنجاڭدا يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن يېڭىدىن يەنە 34 مىڭى كۆپەيدى
2019.01.22 15:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرىمىز جاۋ يۆنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭدا يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقى داۋاملىق زورايتىلغاچقا، يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن يېڭىدىن يەنە 34 مىڭى كۆپەيگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن يەنە "شىنجاڭ گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋېيجياڭلۇڭ خىمىيە سانائىتى ئېلېكتىر-گاز ئاپتوماتلاشتۇرۇش ماھارەت ئۇستىلىرى خىزمەت ئىشخانىسى" ۋە"شىنجاڭ قۇراشتۇرۇش تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ۋاڭ جېن مېتال تاختىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ماھارەت ئۇستىلىرى خىزمەت ئىشخانىسى" قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ماھارەت ئۇستىلىرىنىڭ خىزمەت ئىشخانىلىرىدىن 10ى كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، شىنجاڭ قاتناش تېخنىكلىرىنى تەربىيەلەش شۆيۈەنى قاتارلىق توققۇز ئورۇن دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى بولۇپ باھالانغان.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ماھارەت ئۇستىلىرى خىزمەت ئىشخانىلىرىدىن جەمئىي 87سى (بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكى 21)، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىلىرىدىن 41ى (بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكى 20) بار ئىكەن.
شىنجاڭدىكى ماھىرلارنىڭ كۆپ ساھە ۋە ئىش تۈرلىرى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئاپتونوم رايوندا تەشكىللىنىپ ئېلىپ بېرىلغان كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىلىرى ئەمەلىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كارامەتلىرىنى كۆرسىتىشىنى مۇشۇنداق بىر سۇپا بىلەن تەمىنلىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 14 قېتىم كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەش قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، مۇسابىقىدىكى كەسىپ ۋە ئىش تۈرلىرى 137گە يەتكەن. ئۇنىدىن سىرت يەنە،"شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە 45- نۆۋەتلىك دۇنيا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تاللاش مۇسابىقىسى" ئۆتكۈزۈلۈپ، نەتىجىدە، بۇنىڭدا مەملىكەتلىك تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 17 ماھىر تاللاپ چىقىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر ماھىر مەملىكەت بويىچە تۆتىنچى بولغان ھەم دۆلەتنىڭ كوللېكتىپ مەشىق قىلىش ئەترىتىگە كىرگەن. بۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك ماھارەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىدىكى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، تەربىيەلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلار ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار ۋە سانائەت ئىشچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرىدىكەن. ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلانغان «تىيانشان ئۇستىلىرى» پىلانى بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭدا چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، شۇ ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشى يەنىمۇ تېزلىتىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر