باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى

2019.01.22 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 1-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى»گە قاراپ چىقتى ھەم ئۇنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى. يىغىندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا تاپشۇرۇلغان تەكلىپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 19دا ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەكلىپلەردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىشى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش چۆرىدىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرى ھەمدە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر زىچ چۆرىدىلىشى، تېمىلار كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىشى، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان بولۇشى كېرەك. تەكلىپلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەر كەسكىن، ئىلمىي ۋە قوللىنىشچان بولۇشى، بىر ئىش بىر تەكلىپ بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىخچام ۋە مېغىزلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇشى كېرەك. سۈپەت ئېڭى ۋە سەر خىل بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغىچە تەكلىپ بەرمەسلىك»تىن ئىبارەت ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىغا ئەمەل قىلىپ، تەكلىپ، تەۋسىيەلەردە كىرىش ئېغىزى كىچىك بولۇش، قائىدە چىڭ بولۇش، نىشان توغرا بولۇش، ئېنىق، كونكرېت بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «لايىھە»دە تەكلىپ بېرىش شەكلى، ئاساسىي تەلەپلەر، تاپشۇرۇش شەكلى، تەكشۈرۈش ۋە بېجىرىش ھەم تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇش شەرتلىرى ئېنىق بېكىتىلدى. تەكلىپ خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمىتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپلەرنى يىغىش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى داۋاملىق تەكلىپ تاپشۇرسا بولىدۇ، تەكلىپ كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزغان ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئالاقىدار بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە سۇنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر