باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بايرامدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

2018.12.29 14:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز خەۋىرىمىز. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، 2019- يىللىق يېڭى يىل بايرىمى، چاغاندا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆت خاھىش»نى يەنىمۇ تۈزىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، 2019- يىللىق يېڭى يىل بايرىمى، چاغاندا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدە سىجىل ھالدا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشنى بىر تۈگۈن - بىر تۈگۈندىن ئىزچىل چىڭ ساقلىشى، بىر باسقۇچ- بىر باسقۇچتىن ئالغا سىلجىتىشى، قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقى شەرت.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «ئىككى بايرام» توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى، يېقىنقى مەزگىلدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاشكارىلىغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر بويىچە تىپىك دېلو مىساللىرى ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىدە كېيىنگە بارغانسېرى ئىنتىزامنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىش، تېخىمۇ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىنى تونۇپ يېتىشى، ھېيىقماسلىق، كارى بولماسلىق، «تۆت خاھىش»تىن قول ئۈزمەسلىكنىڭ جەزمەن ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەيدىغانلىقىدەك ئېغىر ئاقىۋەتنى تونۇپ يېتىشى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى «ئويۇن كۆرۈش» پىسخىكىسىدا كۆرمەسلىكى، ئۆزىنى مۇناسىۋەتسىز تاماشىبىن قاتارىغا قويماسلىقى، ئۆزىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشى، ئالاقىدار ئىنتىزام تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئىككى بايرام» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى نۇقتىلىق تارماقلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆز ئورنى، ئۆز تارمىقىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ئەۋەتكەن(چىقارغان) ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى نازارەت قىلىدىغان تارماقلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، ئىدارە ئاشخانىلىرى ھەم تەربىيەلەش مەركەزلىرى قاتارلىق قاراشلىق ئورۇنلارغا مەسئۇل خادىملارنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بىرىنچى ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىشىگە، بايرام ئۆتكۈزۈشنى باھانە قىلىپ يېيىش- ئىچىش، سوۋغات بېرىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، قالايمىقان پۇل، نەرسە تارقىتىش، توي- تۆكۈننى چوڭ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بايرام مەزگىلىدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى بايرام مەزگىلىدە، نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش، يۆلەش، قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر خىل شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام كەيپىياتىنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى نازارەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مەسىلە كۆپ، دائىم يۈزبېرىدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا، ئورۇن ۋە خادىملارغا قارىتىپ، مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، زەربىدارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، قائىدە- ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى كۈچەپ بايقىشى كېرەك. يېڭى تاراتقۇ، يېڭى تېخنىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پاش قىلىش تېلېفونى، تور بېكىتى، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنى «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرى يىپ ئۇچىنى ئىنكاس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ داڭلىق، قىممەتلىك، ئالاھىدە مەھسۇلات تۈرىدىكى ئالاھىدە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ شەخسىي نەپ ئېلىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، يېڭى يىل بايرىمى، چاغان مەزگىلىدە، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا سېتىۋېلىش، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات قوبۇل قىلىش- سوۋغات بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەنلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى ھەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى دەرىجىمۇدەرىجە يۇقىرىغا يوللىشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرى باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرى كۆپ، دائىم يۈز بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىدا، بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمىگەنلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. تىپىك مەسىلىلەرنى ئىسىم- فامىلىسى بىلەن ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كېيىنگە بارغانسېرى تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغان، ئىنتىزامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغان سىگنالنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ھەيۋىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە پاش قىلىش ئۇسۇلى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 12388-0991؛ پاش قىلىش خەت ساندۇقى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسى؛ پاش قىلىش تور ئادرېسى: www.xjjw.gov.cn («تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى چېكىلىدۇ)؛ پاش قىلىش ئۈندىدارى: «شىنجاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- رېۋىزىيە» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىغا كىرىپ پاش قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر