باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2018.12.29 14:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق يول كۆرسىتىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مېتودولوگىيەسى ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ، كىشىلەرنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈچنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە مۇجەسسەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كەڭ نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى- ئورنى، كارخانىلاردىن كەلگەن سەككىز يولداش پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر