باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىندى

 نانچىلىق كارخانىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغا توپلاندى

2018.12.28 19:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12- ئاينىڭ 25- كۈنى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسىدىن كەلگەن ئابدۇشۈكۈر خېلىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا نان ياقماقتا. بۇ كەسىپلەر باغچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2018- يىلى 9- ئايدا پۈتۈپ، 12- ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىلدى.

  (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جېن فوتوسى)

  «ئائىلىمىزدە بوۋىمىزدىن تارتىپ ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ تونۇرىدا نان يېقىپ كەلگەن، بۈگۈنكى كۈندە تونۇرلار زامانىۋىلاشقان مەركىزىي ناۋايخانىغا كۆچۈپ كىردى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بىخەتەر، مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە كۆلەملەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، كەلگۈسى ئىستىقبالى مۆلچەرلىگۈسىز». 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئېچىۋېتىلگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخىدا، شىنجاڭ نان شاھى يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تۇرسۇنجان ئابلا ھاياجان بىلەن شۇنداق دېدى.

  نان راسلاش، چەككۈچ چېكىش، نان يېقىش... چوڭ ئەينەكلىك دېرىزىنىڭ ئىچى تەرىپىدە بىرتۇتاش فورما كىيگەن ئىشچىلار ئالدىراش ئىدى، قاتار تىزىلغان مۇھىت ئاسرايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك تونۇرنىڭ مەخسۇس توك تەقسىملەش ساندۇقىدا تونۇرنىڭ ئەمەلىي تېمپېراتۇرىسى كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. قېلىپلاشقان ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى، پاكىز، بىخەتەر بولغان ئامباردا ساقلاش شارائىتى... تۇرسۇنجان ئېيتقان ھېلىقى زامانىۋىلاشقان مەركىزىي ناۋايخانا كۆز ئالدىمدا ئىدى.

  كىشىنى جەلپ قىلىدىغىنى زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىلا ئەمەس، كۆلىمى 315 مو كېلىدىغان بۇ باغچە رايونى ئىچىدە سەككىز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخىنىڭ ھەربىرىگە كۆزنى چاقنىتىدىغان ۋىۋىسكا ئېسىلغانلىقى ئىدى: شىنجاڭ ماي گۈلى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئابلاجان نانلىرى زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ نان شاھى يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى...

  ئۈرۈمچى چۇاڭبو دۆلەت مۈلكى مەبلەغ سېلىش تىجارەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى شۆفېي ماڭا مۇنداق دېدى: كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغدىلا، دىققەت- نەزەرىمىزنى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان داڭلىق نانچىلىق كارخانىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، زاۋۇت ئۆيى، ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولغان ئاساستا كارخانىلارنى كۆچۈرۈپ كىرگۈزدۇق.

  مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە نانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە توپلىنىشى، ناننى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىدى. لى شۆفېي مۇنداق دېدى: «بۇ كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، سېتىش يولى قاتارلىق جەھەتلەردە پىششىق تەجرىبىگە ئىگە، ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش، بايلىقتىن ھەمبەھرە بولۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ، بۇلار نان مەھسۇلاتىنىڭ قېلىپلاشقان ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈش، مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، شۇ ئارقىلىق باغچە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆلىمىنى ئاشۇرالايدۇ».

  كۈنجۈت نان، ياڭاق نان، لازا نان... نانلار ئىشچىلار قولىدا پىرقىراپ، مەززىلىك ھىدى پۈتكۈل سېخنى بىر ئالغانىدى. «مۇھىت ئاسرايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك تونۇردا پىشقان نانلار كۆركەم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يېيىشلىك، مەن بىر كۈندە يۈز نەچچە نان ياقىمەن. سىناق مەزگىلىدە ئايلىق كىرىمىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ!» دېدى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئابدۇسەمەت ئېلى خۇشال ھالدا.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدىكى 127 مۇھىت ئاسرايدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك تونۇرنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كۈنىگە تەخمىنەن 45 مىڭ نان ئىشلەپچىقىرىدۇ. شىنجاڭ نېنىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تارقىتىش ئۈچۈن، باغچە رايونى مەنبەدىن سېتىۋېلىشتىن ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتىدىن سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلىك سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلاشنى يولغا قويۇپ، ناننى ساقلاش مۇددىتىنى ئۈچ ئايغا ئۇزارتتى.

  مەھسۇلات سېتىش رايونىدا، بىر يىل ئىلگىرىلا نان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان «شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار داڭدار كوللېكتىپى»نىڭ ئۈندىدار سودىگىرى لى جىڭ سودا پۇرسىتىنى بايقىدى.

  «ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، نان ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ياقتۇرۇپ يەيدىغان مەززىلىك يېمەكلىكىگە ئايلاندى، بولۇپمۇ لازا نان، پىياز نانغا بولغان ئېھتىياج ناھايىتى يۇقىرى». لى جىڭ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز كوچىلاردا قاتراپ تونۇر ئىزدەپ، نان يىغىۋالاتتۇق، مال مەنبەسىنى تەييارلاش ئۈچۈنلا بىر ھەپتە ۋاقىت كېتەتتى. ھازىر نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا، بىر كۈن بۇرۇن مال زاكاز قىلساق، ئەتىسىلا مالنى ئالغىلى بولىدۇ، مال مەنبەسى يېتەرلىك، سۈپىتىمۇ كاپالەتكە ئىگە».

  لى شۆفېي ماڭا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 10- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 430 دىن ئارتۇق مەھەللە كۆكتات- قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ۋە سودا ساراي، تاللا بازىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنى مەخسۇس پوكەي بىلەن تەمىنلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە كارخانىلارغا سىرتقا سېتىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە ئەمەلىي كۈچى بار يېمەك- ئىچمەك كارخانىلىرى بىرلىشىپ، ناشتىلىق قۇرۇلۇشى، كوللېكتىپ تاماق مۇلازىمىتى تۈرى قاتارلىق مەخسۇس كەسىپ بازىرىنى ئورتاق ئاچىدۇ ھەم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى پائال ھەرىكەتلەندۈرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەر تەرەپلىك تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ. كېلەر يىلى 1- ئايدا، كەسىپلەر باغچىسىدىكى تاۋارلار جىڭدۇڭ، تيەنماۋ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا ئومۇميۈزلۈك سېتىلىدۇ.

  «شىنجاڭ نانچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ زامانىۋىلاشقان يولىنى ئېچىش شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشتىكى مۇقەررەر يول. كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 1-، 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەھسۇلات قىممىتى 500 مىليون يۈەن ئەتراپىغا يېتىدۇ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىدە ماھىيەتلىك ئۆسۈش بولىدۇ». لى شۆفېي مۇنداق دېدى: «نانغا مول ھەم قويۇق تارىخ، ھېسسىيات، مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، نان ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى مەدەنىيەت رىشتىسى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە رايونى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى ھېس قىلىش رايونى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ناننىڭ چوڭقۇر، قويۇق مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىچە ماركا يارىتىپ، پىششىقلاش ھۈنەر- سەنئىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ناننىڭ تۈرى ۋە شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ نېنىنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۈتۈن ئالەمگە تارىتىمىز».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر