باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى يالغۇز كىرىملا ئەمەس

  چېن چياڭۋېي

2018.12.19 10:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا مۇخبىرلىق قىلغىنىمدا ھەر دائىم ئاممىنىڭ خۇشال ھالدا ماڭا ئېيتقان مۇنداق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن: ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكى بىر مو ئۈچ پۇڭ يەرگە باغلىنىپ قېلىپ نامراتلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقانىدۇق، ھازىر سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇق، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىدىغانلا بولساق، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. قارىغاندا، بىر كىشىلىك مۇقىم خىزمەتنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى مۇقىم كىرىملا بولماستىن، يەنە تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەش ئىستىكى بولىدىكەن.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئۆزگەرتتى، ئۇلار ئىچ- ئىچىدىن پارتىيەگە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، مۇخبىر چىن قەلبىدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى ماختىدى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، دىققەتنى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىدىن ئاز دېگەندىمۇ بىر ئەمگەكچىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەتكۈزۈش ئارقىلىق زور بىر تۈركۈم نامرات ئاھالىنى مۇقىم خىزمەتكە ۋە كىرىمگە ئىگە قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى نامراتلىق بىلەن خوشلاشتۇردى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگە قەدەر، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىدىن جەمئىي 82 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكىگەن.

  زىيارەت داۋامىدا، مۇخبىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئاممىنىڭ دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلانغانلىقىنى، ئائىلە ئايالىدىن خىزمەتچى ئايالغا ئايلانغانلىقىنى، سۆز قىلىشقا ماھىر بولماسلىقتىن ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان بولغانلىقىنى كۆردى، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە سۆزىدە ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ ئېچىلغانلىقى، ئىدىيەۋى قارىشىدا ئىلگىرىلەش بولغانلىقى، روھىي قىياپىتىنىڭ يېڭىلانغانلىقىدا ئىپادىلەندى. نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، تېخىمۇ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە ياردەم بەردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم بىر شەكىلسىز كۈچكە ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكى كەنتلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر