خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى مېھمان كۈتۈش يولى توققۇز كېلومېتىر ئىستېرېئولۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن قاراماي ئايرودۇرۇمىغىچە بولغان يولغا يېڭىدىن 300 دانە چىراغ ئورنىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، قاراماي شەھىرى دوستلۇق كۆۋرۈكىدىن قاراماي ئايرودۇرۇمىغىچە بولغان يول پۈتۈنلەي يورۇتۇلدى.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، قاراماي شەھىرىنىڭ يولۇچى ئۆتۈشۈش مىقدارى ئېشىپ، ماشىنىلارنىڭ ئۆتۈشى كۆپەيدى، شۇنىڭ بىلەن قاراماي شەھىرى شەھەرنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى