باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون يېزا-بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسلىرى ۋە كوچا باشقارمىسى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى

2018.12.12 09:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون يېزا- بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسلىرى ۋە كوچا باشقارمىسى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا-بازار، كوچا باشقارمىسى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ دۆلەت ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى ۋەزىيەتتە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كاپالەت قىلىپ، يېزا- بازار، كوچا باشقارمىسى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە يېڭى يۈكسىلىش بولۇش، خىزمەتتە يېڭى تەرەققىيات بولۇش، كادىرلار قوشۇنىدا يېڭى قىياپەت بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجە يارىتىش، ھەر قايسى تەرەپلەردە يېڭى كەيپىيات يارىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باش نىشان ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كوللېكتىپ يۈرگۈزۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئېچىپ، مۇھىم، زور ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل تۇرغۇزۇپ، پاك، دۇرۇس سىياسىي خىسلەتنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلاردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر