باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى، چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

2018.12.12 09:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاغزاكى ياكى يازما سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، تارىخ بىلەن رېئاللىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچى ئۆزئارا باغلانغان، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كەڭ نەزەر دائىرىدىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر بايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە يۈكسەك غايە- ئېتىقاد، كۈچلۈك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت، روشەن نەزەرىيەۋى خىسلەت، سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىيات، چوڭقۇر كۈلپەت ئېڭى باشتىن-ئاخىر سىڭگەن، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان مۇھىم ھۆججەت، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىلىك يەشمىسى، بىزنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان مۇھىم قوللانما. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئېنىق تونۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەشچان قىياپەت بىلەن «ئۈچنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش»نى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە سىڭدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەيدىغان، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. باش شۇجىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان ئىنقىلابىي روھ ۋە ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. باش شۇجىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باشتىن-ئاخىر ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش خىسلىتىنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر سىياسىي سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر توختىماي ئۆگىنىش، توختىماي تەربىيەلىنىش، توختىماي ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي «بەشتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا يېڭى جاۋابلارنى بېرىشىمىز كېرەك. باش شۇجىنىڭ كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، باشتىن- ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى چوڭقۇر ئېنىق تونۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي كۆزىتىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، تىنچلىقتىن كىرىزىسنى ئالدىن كۆرۈشكە، پۇرسەت ئىچىدىن خىرىسنى كۆرۈشكە ماھىر بولۇشىمىز، ھەم خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەييار تەدبىرىمىز بولۇشى، ھەم خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان ۋە پەسەيتىدىغان ياخشى چارىمىز بولۇشى، ھەم خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە تاقابىل تۇرىدىغان تەييارلىقى بار جەڭنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەم خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرىدىغان، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزچىل كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. سىياسىي ئېتىقادنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى كەم-كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز، باشتىن-ئاخىر شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈپ، تۈزۈم قاشاسىنى ھەقىقىي پۇختىلاپ، ئىزچىل بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بېسىمنى سىجىل يەتكۈزۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا «كەڭ، بوش، يۇمشاق» بولۇشتىن «كەسكىن، چىڭ، قاتتىق» بولۇشقا ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان تەدبىر ۋە مېخانىزملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ كۈچەيتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ زۇڭدۈيىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر