باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئورمان ئېكولوگىيەسى مۇلازىمەت قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 20 يىلدا شىنجاڭدا ئورمان ئېكولوگىيەسى مۇلازىمەت قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2018.12.12 09:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: «تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تەبىئىي ئورمانلىق ئومۇميۈزلۈك قوغدىلىپ، مۇزلۇقنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز رول ئوينىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەبىئىي ئورماننى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى شياۋ جۇڭچى مۇنداق دېدى: «2017-يىلى شىنجاڭ تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 122 مىليارد يۈەنگە يەتتى.»

  شىنجاڭ 1998-يىلىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق جايلاردىكى 49 مىليون 180 مىڭ مو تەبىئىي ئورمان قوغدالدى. «1998-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، شىنجاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى رايونىدىكى ياغاچ ماتېرىياللىرى مەھسۇلات مىقدارىنى يىلدا 280 مىڭ كۇب مېتىردىن 80 مىڭ كۇب مېتىرغا ئازايتتى، 2005-يىلى 1-ئايدا يەنە تەبىئىي ئورماننى تاۋارلاشتۇرۇپ كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنى جاكارلىدى، بارلىق ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچىلار دەرەخ كەسكۈچىدىن ئورمان مۇھاپىزەتچىسىگە ئايلاندى»دېدى شياۋ جۇڭچى تونۇشتۇرۇپ.

  20 يىلدىن بۇيان، تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش ۋە مەبلەغ سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، مەركەز مالىيەسىدىنلا جەمئىي 4 مىليارد 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. قۇرۇلۇش رايونىدىكى ئورمان كۆلىمى 2 مىليون 94 مىڭ 700 گېكتاردىن 2 مىليون 288 مىڭ 700 گېكتارغا كېڭىيىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25.66 تىن %28.94 كە يەتتى، دەل-دەرەخ 22 مىليون 480 مىڭ كۇب مېتىر ساپ ئېشىپ، ئورمان كۆلىمى، ئورمان زاپىسى ۋە ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىدە «ئۈچ ئېشىش» بولدى.

  تەبىئىي ئورماننى كېسىشنى توختىتىش بىر مەزگىل ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئورمانچىلىق مەيدانلىرى پائال ئىزدىنىپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلاردىن بايلىق يارىتىش يولىنى تاپتى. شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى، دەپسېن ئېكولوگىيە باغچىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەمشاد، موڭغۇلىيە قارىغىيى قاتارلىق كۆپ خىل دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەنىدى، يان تەرەپتىن بۇغىلارنىڭ مەرەشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، يازدا نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرنى كۆرگىلى كېلەتتى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، بۇ جاي يىلدا ئوتتۇرىچە 120 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  شىنجاڭ شەرقىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىخو تارماق ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى تۇڭ جاۋشۇ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپ، ھازىر نۇرغۇن ئورمانچىلىق مەيدانى ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئورمان باغچىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. «20-ئەسىرنىڭ 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ساۋ لېمىڭ «ئۈچىنچى ئەۋلاد ئورمان خىزمەتچىسى» بولۇپ، بوۋىسى دەرەخ كەسكۈچى، دادىسى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنى باشقۇرغۇچى بولغان، ئۇ ئورمان باغچىسىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى بولدى.

  ئەمەلىيەتتە، شىخو ئورمانچىلىق رايونىدىلا ئەمەس، نۆۋەتتە شىنجاڭدا قاناس، نارات، تىيانشان بوغدا كۆلى، كۆكتوقاي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ جەلپكار ساياھەتچىلىك ماركىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى رايونلىرىدا. 20 يىلدا، شىنجاڭ تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى، مول ئورمان بايلىقى شىنجاڭدا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى پۇختا ئاساسقا ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر