باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2018.12.12 09:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۇللۇق رولغا ئىگە. ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇدرەتلىك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپ خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كەم- كوتسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىللەش كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياچېيكا خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دىكى مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ رولى، پارتىيەنىڭ پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش- ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھالاش، نازارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە بايرىقىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقانلار ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاقسۇ شەھەرلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 4- باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر