باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

2018.12.12 09:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 10- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئۆتكەلنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ياخشى كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان خەلق سىياسي كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، داۋاملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇنغا ئاساسلىنىش تەلىپىنى سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىدىغان ساھەلەردىكى ئەزالارنى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر