باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2018.12.12 09:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچى ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، تەرەققىيات يولى ۋە كۈرەش نىشانىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلىشى دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇننىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، قانۇنچىللىق يولى بويىچە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاساسىي قانۇن روھىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ باش نىشان ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات- تەربىيەسى ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر