باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018.12.05 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە قىلىپ، سادىق، قەتئىي، دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچەپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ھەربىر ئىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇش، ھەربىر ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىگە ئاساسەن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىگە ئاساسەن، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت قانۇندا بېكىتىلگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئاشكارا، ئادىل، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي بولغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى 1- ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياچېيكا خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى خىزمەت نىزامى» قاتارلىقلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر