باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ سوۋغىسى» تەرەپ-تەرەپكە سېتىلدى

2018.12.03 16:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇستىلىق بىلەن لايىھەلەش، داڭلىق ماركا يارىتىش، بازارنى كېڭەيتىش

  «شىنجاڭ سوۋغىسى» تەرەپ-تەرەپكە سېتىلدى

  11- ئاينىڭ 20- كۈنى، «بايلار قەبىلىسى مىلىچمال دۇكىنى» ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا تىجارەت باشلىدى، كۆزنى چاقنىتىدىغان، لايىھەلىنىشى يېڭى، ئۆزگىچە «شىنجاڭ سوۋغىسى» ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ شىنجاڭ غەربىي يۇرت شېنيوۋ مەدەنىيەت- سەنئەت چەكلىك شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم داڭلىق ماركا مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى ئېچىشى.

  ئەمەلىيەتتە، قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونىدا مەخسۇس دۇكان تەسىس قىلىپ، ئەسلىي ئىجادىي داڭلىق ماركىسىنى نامايان قىلغان بۇ شىركەتلا ئەمەس. شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى «شىنجاڭ سوۋغىسى»نىڭ تۈرى ۋە بازىرىنى تېز كېڭەيتتى، شۇنداقلا «شىنجاڭ سوۋغىسى»نىڭ دەۋرىنى ئالماشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  ئۇستىلىق بىلەن لايىھەلەندى، مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى تېخىمۇ بېيىتىلدى

  مەززىلىك پولۇ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغان توخۇ قورۇمىسى، ئەمدىلا تونۇردىن قومۇرۇلغان ئىسسىق نان... شىنجاڭنىڭ بۇ مەززىلىك تائاملىرى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالدى، بۇ مەززىلىك تائاملارنىڭ نۇسخىسى بەل ياستۇققا چۈشۈرۈلگەن ھامان، ساياھەتچىلەرنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. «بەكلا ئۆز ئەينى بوپتۇ، كۆرسىلا ئادەمنىڭ يېگۈسى كېلىدىكەن». 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، «بايلار قەبىلىسى مىلىچمال دۇكىنى»دا خۇبېيلىق ساياھەتچى جاڭ شياڭبېي ئىككى مەززىلىك تائام بەل ياستۇقىنى سېتىۋالدى.

  «شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائام بەل ياستۇقى بىزنىڭ توردا بازار تاپقان مەھسۇلاتىمىز. <شىنجاڭ سوۋغىسى>نى تەييارلاۋاتقىنىمىزغا ئون نەچچە يىل بولدى، بىز ئىزچىل ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېڭى تۈرلەرنى كۆپەيتتۇق، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنى بولۇپلا قالماي، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقىمۇ كۈچلۈك؛ بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ئىلگىرىكى تۆت- بەش خىلدىن كۆپىيىپ ھازىرقى 200 خىلدىن كۆپرەككە يەتتى»، دېدى شىنجاڭ غەربىي يۇرت شېنيوۋ مەدەنىيەت- سەنئەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ گوسۈي تونۇشتۇرۇپ.

  ساياھەت ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى «شىنجاڭ سوۋغىسى»نىڭ تۈرلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىپلا قالماي، يەنە مەھسۇلات سۈپىتى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭلىقلار زەرەپشان پەمىل چېيىنى ئوبدان بىلىدۇ، لېكىن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى زەرەپشان چېيى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا، مۇخبىر ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئون نەچچە خىل زەرەپشان چېيىنى كۆردى، تەمى تەڭشەلگەن چاي، گۇمپا چېيى، ساغلاملىق چېيى، سەنپاۋتەي باباۋ چېيى قاتارلىقلار بار بولۇپ، كۆرۈپ بولغىلى بولمايتتى. زەرەپشان بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يۇڭشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «2016- يىلىدىن باشلاپ، بىز مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىدىن ئوراپ- قاچىلاشقىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، ئالدى بىلەن رېتسېپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر قاتار كۈتۈنۈش چايلىرىنى بازارغا سالدۇق، يۈننەننىڭ ئالىي دەرىجىلىك قىزىل چېيىنى ئىشلىتىپ، يەنە شىنجاڭنىڭ ئەتىرگۈل، زاراڭزا قاتارلىق خاس ئامىللىرىنى قوشتۇق. ئاندىن ئوراپ- قاچىلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، سىرتقى كۆرۈنۈشى تېخىمۇ چىرايلىق بولدى، ھەر بىر تۈرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى ئورۇسىنى كۆپەيتتۇق، مەھسۇلاتلارنى يۈرۈشلەشتۈردۇق».

  مول، كۆپ خىل مەھسۇلاتلار ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  داڭلىق ماركا يارىتىلدى، مەھسۇلاتنىڭ گۈزەل نامى ئۆستۈرۈلدى

  داڭلىق ماركا بىر خىل تاۋار بەلگىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يادروسى ئۆزگىچە مەدەنىيەت مەزمۇنى.

  سىلۇيۈەن ھۆسن تۈزەش، تېرە ئاسراش ماركىسى، ساياھەتچىلەر بۇ ئىسىمنى كۆرسىلا، بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئىختىيارسىز كۆرۈپ باققۇسى كېلىدۇ.

  «بىزنىڭ ئات مېيى يۈرۈشلۈك گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقىنىمىزغا ئون يىل بولدى، بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتى ياپونىيە، كورېيە مەھسۇلاتلىرىدىن قېلىشمايدۇ، ئەمما مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئۇلاردەك ساتالمايمىز، چۈنكى داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكىمىز يوق. 2016- يىلى، بىز <سىلۇيۈەن> ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردۇق، يەنە يېڭى مەھسۇلات ئاچتۇق، ماركىمىزنىڭ گۈزەل نامىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سېتىشنى كېڭەيتىش تېخىمۇ ئاسانلاشتى» دېدى شىنجاڭ سىلۇ يىشياڭ پۇراقلىق ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى سۇ جىخەي.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى قومۇل كەشتە بۇيۇملىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ مال ساتقۇچىسى رەيھان سايىت دۇكىنىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆيىدەك بېزىگەنىدى، ساياھەتچىلەر دۇكانغا كىرىپ قەدىمكى بۆشۈك، ئىللىقلىققا تولغان ياتاق ئۆي، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇلغان قومۇل كەشتە بۇيۇملىرى بىلەن زىننەتلەنگەن ئۆينى كۆرىدۇ. «ساياھەتچىلەر دۇكانغا كىرىپلا شىنجاڭنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەت پۇرىقىنى ھېس قىلىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ ئۇششاق بۇيۇملارنى بەك ياقتۇرىدۇ، خاتىرە قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن بىر- ئىككىدىن سېتىۋالىدۇ» دېدى رەيھان.

  بازار كېڭەيتىلدى، تور سىرتىدا، توردا تەڭ كۈچەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  بارغانسېرى كۆپ «شىنجاڭ سوۋغىسى»نىڭ مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئەمەلىي گەۋدە دۇكانلىرىدا بازىرى ئىتتىك بولۇپلا قالماي، توردىمۇ ئوخشاشلا بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار تاۋباۋ، تيەنماۋ، ئالىبابادا تور دۇكىنى ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئۈندىدار سودىسىنى يولغا قويدى.

  تور سىرتىدا، توردا تەڭ كۈچەش، ئۆزئارا تولۇقلاش «شىنجاڭ سوۋغىسى»نى تېخىمۇ يىراقلارغا يەتكۈزدى.

  «ئادەتتە ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا ئوينىغىلى كېلىپ، ئەمەلىي گەۋدە دۇكانلىرىدا بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى سېتىۋالىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قايتقاندىن كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ سېتىۋالماقچى بولسا، بىۋاسىتە تور دۇكانلىرىمىزغا چىقسا بولىدۇ. توردا مەھسۇلات سېتىپلا قالماي، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەرنى بىزگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ دىققەت قىلىشقا جەلپ قىلدۇق. ھازىر، بىزنىڭ بېيجىڭ، شېنجېن، چېڭدۇدا سېتىش نۇقتىمىز بولۇپلا قالماي، يەنە ياپونىيەگىمۇ سېتىۋاتىمىز» دېدى جاڭ گوسۈي.

  مۇخبىر نۇرغۇن «شىنجاڭ سوۋغىسى»نىڭ ئورالما قۇتىسىدا ئىككىلىك كودنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆردى. ساياھەتچىلەر بىر قېتىم سېتىۋالسىلا، ئىككىنچى قېتىم سېتىۋالغاندا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپلا توردىن سېتىۋالالايدۇ.

  تور سىرتىدا ساتقان تەقدىردىمۇ، ئەنئەنىۋى سېتىش ئەندىزىسىنىڭ ئورنىنى يېڭى ئەندىزە ئىگىلىدى. زەرەپشان بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يۇڭشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز ئىلگىرى پەقەت تاللا بازىرىدا يايما يېيىپ سېتىشتەك ئەنئەنىۋى ئەندىزىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكانلىرىغا يۈرۈش قىلدۇق، يەنە ۋاكالەتچى سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ساتتۇق. شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ داڭلىق ماركىمىزنىڭ تەسىر كۈچى تېز كېڭەيدى، سېتىلىش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر