باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 39-قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2018.12.03 16:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 39- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ دائىمىي كومىتېت 7- قېتىملىق يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىچىك تىپتىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى(تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىش قائىدىسى(تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى (لايىھە تەكلىپنى ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى (لايىھە تەكلىپنى ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى)»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولدا ماڭمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى»، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى>، <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى»، «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش نىزامى»غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئىشلار- ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ نامىنى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)»غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئائىت دوكلات ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش- قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى ھەم مۇناسىۋەتلىك قارار(لايىھە) ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، يۇقىرىقى قارالما (لايىھە) قاتارلىقلارنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى، 2017- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، ئېنىقلاپ چىققان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2018- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى يىغىپ رەتلەپ، تەرتىپ بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجراسى تەس بولۇشنى ھەل قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە ئىجرا پائالىيىتى قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى يىغىپ رەتلەپ، تەرتىپ بويىچە ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر