باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايون يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنى ئاچتى

2018.11.29 18:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايون يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي سىياسىي- قانۇن كومىتېتى ئاچقان يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىش، كېڭەيتىش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەرگەنلىكىنىڭ 55 يىللىقى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە تونۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش؛ دىنلار ئىناقلىقى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، دىن ساھەسىنىڭ ئېجىل- ئىناقلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى دائىم، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش؛ چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق پەن- تېخنىكا ۋاسىتىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىش يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم ھالقا»نى چىڭ تۇتۇپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر