باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018.11.29 18:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7- قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىچىك تىپتىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنى باشقۇرۇش نىزامى(لايىھە)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى (لايىھە)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى تۈزىتىلمىسى (لايىھە)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىش قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»نى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، لايىھەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى (لايىھە)» توغرىسىدىكى ئىزاھات، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى(لايىھە)» توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى، 2017- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2018- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان ئاپتونوم رايون خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە شۇ دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش تەس بولۇشنى ھەل قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇنىي نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش- قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېت، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر