باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018.11.29 18:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 24- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بېرىشنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدىكى مۇھىم، زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان تۈزۈم ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ جەزمەن يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە، ئېھتىياج بىلەن تەڭ رىتىمدا بولۇپ، ئەمەلىيەت بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى باش پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە نىزام چىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆلچەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى قەدىمىنى تېزلىتىپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، قاراپ چىقىش ۋە مەخسۇس رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى (2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)نى تەستىقلىدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى»دا نىزام چىقىرىش تۈرلىرى ۋە نىزام چىقىرىش خىزمەت ۋەزىپىلىرى بېكىتىلدى، مەسئۇلىيەت زور، تەلەپ يۇقىرى، يۈك ئېغىر، ئالاقىدار تەرەپلەر دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ماسلىشىپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ، «نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى»نى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر