باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك

2018.11.28 10:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 -ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كەڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، چاقىرىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  11- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن مەكتەپتىن كەلگەن شىنجاڭلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ھەم يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئايرىم- ئايرىم قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركەزلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا شاڭخەي شەھەرلىك يۈسەي ئوتتۇرا مەكتىپى، بېيجىڭ بىناكارلىق داشۆسى، جۇڭگو خەلق داشۆسى قاتارلىق سەككىز مەكتەپتىن كەلگەن سەككىز ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى دانا، ئۇلۇغ بولۇپ، تامامەن توغرا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ قوللانغان يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرى مەركەزنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەن، قەتئىي كۈچلۈك، مول ئۈنۈملۈك بولۇپ، چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى چىڭ تۇرۇش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ زېمىنىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، غايە، ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان كەڭ بوشلۇق يارىتىلماقتا. ياش ئوقۇغۇچىلار دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي، كەسكىن كۈرەش قىلىشى كېرەك؛ تىرىشىپ ئىلگىرىلەش، پەزىلەتلىك -ئەخلاقلىق بولۇش، ھەق -ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن تىرىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىشى، كۈرەش قىلىشى كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇشنى ياخشى قىلىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىدە ئېرىشكەن ھاسىلات ۋە تەسىراتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، كۈچلۈك داغدۇغا شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات- لېكسىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر