باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى»غا ئايلاندى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدە يېڭىدىن 97 مىڭ 100 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى

2018.11.27 09:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى) ئالېشىڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 23 ياشلىق قەلەمنىسا ماشىنىدا پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. قەلەمنىسا ئىلگىرى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى بەشئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىدى، ئۇ شەھەر- يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىن نەپكە ئېرىشىپ، ئېرى تۇرسۇن ئابدۇرېھىم بىلەن ئالېشىڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ ئىشچىسى بولدى. قەلەمنىسا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئىككىمىز ئايدا 7000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمىز، بۇ يەردە ئىشلىسەك تاماق، ياتاقنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، ئارتۇقچە چىقىم يوق دېيەرلىك. بىز پۇل يىغىپ بۇ يەردىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ئاتا- ئانىمىز ۋە بالىمىزنىمۇ ئېلىپ كەلمەكچى بولۇۋاتىمىز».

  ئاقسۇ ۋىلايىتى كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 41 مىڭ 100 ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىگە 20 مىڭ 800 ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 4979 ئەمگەكچى يۆتكەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىغا 2997 ئادەم يۆتكەلدى.

  بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىليون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، قەلەمنىساغا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپلىگەن ياش دېھقان زامانىۋى كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، ھاياتىدىكى گۈزەل ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق تىجارەت كەسپى كىرىمى 3 مىليون يۈەندىن ئاشقان توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى 7 مىليارد 304 مىليون يۈەن قوشۇلما قىممەتنى ئورۇندىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.1 ئاشقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 39 سانائەت كەسپىدە ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىدە يېڭىدىن 97 مىڭ 100 ئادەم (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېڭىدىن 80 مىڭ 800 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا يېڭىدىن كۆپەيگەن توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىسى 204 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېڭىدىن 169ى كۆپەيگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك ھەمراھ زاۋۇتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىن 537 نى قۇرۇشنى قوللىغان.

  ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن- ئاخىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرىدىغان مۇھىم نۇقتا قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى ھەقىقىي تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كەسىپ قىلدى. بىر جەھەتتىن، كەسىپ سىياسىتىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، ھازىرقى سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، كىيىم- كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى، ئىلمە توقۇمىچىلىق قاتارلىق تېرمىنال كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويدى؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ھازىرقى دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى قوللاش سىياسىتىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەبلەغ سالغان ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش- پىششىقلاش، ئاياغ كىيىم- باش كىيىم، ئويۇنچۇق، يالغان چاچ ياساش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرگە كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى زور بىر تۈركۈم ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلىپ، ئەڭ زور چەكتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر