باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش نىشاننى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

2018.11.26 13:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ يىغىنى ھەم 11- ئاينىڭ 20 -، 23- كۈنلىرى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئېتىقاد بىلەن ئۆگىنىپ، ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىپ، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىپ، مەسىلە تۇتۇپ ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ ئىدىيە ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش نىشاننى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال چارە كۆرسىتىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى داۋاملىق تارقىتىپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي ئومۇملۇق سىجىل مۇقىم بولۇۋاتقان، سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش داۋامىدا ساقلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش، تەدبىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەشكىللەش كېرەك. ساھە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پائال قاتناشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى چارە، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىشكە تەشكىللەش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن چارە- تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىش كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى ئارمىيە- خەلق يۇغۇرۇلما خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇھىم ئامىللارنى يۇغۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارمىيە- خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار ھۆججەت ھەم يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە ۋاقتىدا تەشكىللەپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تىرىشىپكېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئىنتىزام، بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا كەم- كوتسىز ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر