باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

2018.11.26 13:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ۋە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ توغرا يولدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا، خەلقنى بېيىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قانۇن- تۈزۈم تورىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل نازارەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن قورالى ئارقىلىق بۇلغىنىشنى تىزگىنلەپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇتەللىپ قاسىم، بادەي، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر