باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

2018.11.26 13:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىلىپ، 11- ئاينىڭ 17- كۈنى ۋە 20- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ھەقىقىي چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىغا بولغان ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت تەقسىماتى بويىچە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يانداش سىياسەت- تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىق ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئارمىيە- خەلق يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئامىلغا، كۆپ ساھەگە، يۇقىرى ئۈنۈمگە قاراپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىيلىشىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك نەزەرىيەۋى قورال ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تونۇش ئېنىق، ئوبيېكت ئېنىق، يول ئېنىق، ئۆلچەم ئېنىق، كەيپىيات ئېنىق، مەبلەغ ئېنىق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېنىق، مەسئۇلىيەت ئېنىق، نىشان ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ قاتتىق ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىققا، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۇچۇر باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سانلىق مەلۇماتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇر- ماتېرىيال ئامبىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، دەل جايىدا باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر