ساياھەتچىلەر 11-ئاينىڭ 17-كۈنى نۇرجا چوڭ جىلغىسىدا پىيادە ساياھەت قىلماقتا.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ گۇاڭپىڭ خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا شىمالىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك قار ياغدى، قاردىن كېيىنكى سانجى نۇرجا چوڭ جىلغىسى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىردى، قاتمۇقات تاغلار، رەڭگارەڭ چوققىلار كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەللىكى بىلەن ساياھەتچىلەر، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرى ۋە فوتوسۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.