باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر: شىنجاڭنىڭ ھەقسىز كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىشى-يېتىشتۈرۈشى- تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى بىر خىل پايدىلىق ئىزدىنىشى

2018.11.02 08:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن داشۆسى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات كېڭىشىنىڭ باشلىقى جاڭ نەن يېقىندا جەنۋەدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش ئورگانلىرى ئارقىلىق تېررورىزم ۋە ئەسەبىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، جىنايەتكە چېتىشلىق بىراق ئەھۋالى بىر قەدەر يېنىك بولغان، قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدىغان كىشىلەرنى ھەقسىز كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىشى-يېتىشتۈرۈشى- مەلۇم كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش بولماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى بىر خىل پايدىلىق ئىزدىنىشى.

  ئۇ جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگونىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى» باش تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتناشقاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «زوراۋانلىق، ئەسەبىزىمدىن ساقلىنىش ھەرىكەت پىلانى»دا زوراۋانلىق، ئەسەبىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىغا تەربىيەلىنىش ۋە ئىقتىساد پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق، ئەسەبىي كۈچلەردىن قۇتۇلۇشىغا ئىلھام بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شىنجاڭنىڭ قاناتيايدۇرۇۋاتقان كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش تۈرى بىلەن بۇ ئىدىيە ناھايىتى ماس كېلىدۇ، بۇ-تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە مۇھىم ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر