باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.10.29 14:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ <گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئاپتونوم رايوننىڭ <گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى»دە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چۆرىدىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، خەلق ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى تۈپ نىشان قىلىپ، شەھەر قاتنىشى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، رىتىمنى كونترول قىلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى تەرەققىيات كۆلىمى بىلەن ئەمەلىي ئېھتىياجنىڭ ماس بولۇشى، قۇرۇلۇش رىتىمى بىلەن تىرەكلىك ئىقتىدارنىڭ ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنىڭ ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك، سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر