باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىنار دەرىخى تىكىلىپ، سۇمۇرغ جەلپ قىلىندى

دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 78 ى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى

2018.10.29 14:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9- ئاينىڭ 30- كۈنى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى− «جېڭۋېي» خەلقئارا گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرىدىغان «جېڭۋېي» شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» كەسىپلەر رايونى تۈرىدە ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا قۇرۇلۇش باشلاندى. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 78ى، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 45ى ۋە 79 داڭلىق كارخانا ئۈرۈمچىگە ئورۇنلىشىپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىگە مەركەزلەشكەن.

  «جېڭۋېي» خەلقئارا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىجارەت- سودا مۇھىتى گۇرۇھىمىزنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتتى!» بۇ تۈرنىڭ ماكانلىشىشى ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئۈرۈمچىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش نەتىجىسىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي جىخۈي مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كۆكتاتلا بولسا سېۋەتكە سېلىۋالاتتۇق، كارخانىلار كېلىشنى خالىسىلا قوبۇل قىلاتتۇق. قوبۇل قىلىدىغىنىمىز كۆپ ھاللاردا يەككە كارخانىلار بولۇپ، كەسىپلەر توپى ئۇقۇمى يوق، ھەر بىر رايوننىڭ ئورنىنىڭ بېكىتىلىشىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىدى». نوقۇل سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان ئۈرۈمچى تەرەققىيات سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ بولۇپمۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تىرەكلىك رولى روشەن بولماسلىقتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

  نوقۇل سىياسەتكىلا تايىنىۋېلىشقا بولامدۇ- بولمامدۇ؟ ئومۇميۈزلۈك تور يېيىشتەك سودىگەر چاقىرىش ئەندىزىسىنى يەنە داۋاملاشتۇرغىلى بولامدۇ- بولمامدۇ؟ ئارقا- ئارقىدىن ئىدىيە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىسلاھات يولى بارغانسېرى روشەنلەشتى.

  تەپەككۇر چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى تەدرىجىي ھالدا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى سودىگەر ۋە مەبلەغ تاللاشقا ئۆزگەرتتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يەتتە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ، ئالتە ئەنئەنىۋى كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كەسىپ توپىنى پىلانلاپ، كەسىپلەرنىڭ سودىگەر چاقىرىش، كۆتۈرۈش سۇپىسىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، رايون كەسىپلىرىنى پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر خىللىشىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېندا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش نۇقتىسى قۇرۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا بوخەي دېڭىزى، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونىنى قاپلىدى؛ ئومۇميۈزلۈك تور يېيىشنى كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىشقا ئۆزگەرتىپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە داڭلىق كارخانىلارنى نىشانلىدى.

  سۇمۇرغ جەلپ قىلىندى، تېخىمۇ مۇھىمى ئېلىپ قېلىش كېرەك. ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى پۈتۈن شەھەرنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىشتا «بىرىنچى قول باشلىق» مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرى ۋە تەستىقلاش ۋاقىت چېكىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %50 تىن ئارتۇق قىسقارتتى. نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسى يېتەكلەپ بېجىرىپ، ئەگىشىپ بېجىرىپ، ياردەم بېرىپ بېجىرىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، ئوڭۇشلۇق ماكانلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۈرۈمچىنىڭ باشقا ئۆلكىلەردىن كىرگۈزۈپ نەقلەشكەن مەبلىغى 2015- يىلىدىكى 69 مىليارد 412 مىليون يۈەندىن 2017- يىلى 102 مىليارد 366 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %14.8 ۋە %16.9 كە يېتىپ، «ئىككى يېڭى كەسىپ»نىڭ كۆلەملىك سانائەتكە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %72كە يېتىپ، كۆلەملىك سانائەتنىڭ 3.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا <يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش>تەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا جۇڭگو ئاپتوموبىل شەھەرچىسى قۇرۇپ، يېڭى ماتېرىيال، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ياسىمىچىلىق ساھەسىدە سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرىمىز» دېدى ۋېي جىخۈي.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر